UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرخىتىتتېلار

خىتىتتېلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر خىتىتتېلار <كاپپادوكىئانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خىتىتتېلار قەدىمكى زاماندا غەربىي ئاسىيادا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار دەسلەپ مىلادىدىن ئاۋۋالقى 2000 - يىلنىڭ بېشىدا ئاناتولىيە (كىچىك ئاسىيا) دىكى ھاررىس دەرياسى (ھازىرقى تۈركىيىدىكى قىزىل - ئىرماق دەرياسى) ۋادىسىدا ياشىغان. مىلادىدىن ئاۋۋالقى ⅩⅣ ئەسىرگە كەلگەندە قۇدرەت تېپىپ، يېقىن شەرقىتكى كۈچلۈك مىللەتكە ئايلانغان ھەمدە زېمىنىنى كېڭەيتىپ كىچىك ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمى ۋە سۈرىيىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئىككى دەريا ۋادىلىرىنى ئىگىلەپ، قەدىمكى بابىل پادىشاھلىقىنى يوقاتقان. مىلادىدىن ئاۋۋالقى ⅩⅡ ئەسىرگە كەلگەندە خىتىتتېلار ئىمپېرىيىسى ئاسسۇرىيە پادىشاھلىقى بىلەن بوسپور بوغۇزى ئەتراپىدىن كەلگەن <دېڭىز ئۈستى مىللەت> لىرىنىڭ زەربىسى ئاستىدا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن؛ مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅷ ئەسىرگە كەلگەندە خىتىتتېلارنىڭ قالغان ئۇششاق پادىشاھلىقلىرى ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. خىتىتتېلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئاناتولىيە تىلى تارمىقىغا تەۋە خىتتىتې تىلىنى قوللانغان. بۇ خىل تىل ئەينى زاماندا كىچىك ئاسىيادىكى مۇھىم تىل بولۇپ، بۇ تىلدا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلار مىلادىدىن ئاۋۋالقى 1650 - 1595 - يىللارغا تەۋە ھىندى - ياۋروپا تىلىدىكى ئەڭ قەدىمىي يادىكارلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىزنى خىتىتتېلارنىڭ دۆلەت تەشكىلى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى ۋە ئىگىلىكى، مەدەنىيىتى، دىنى قاتارلىق جەھەتلەرگە دائىر ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ خىل يېزىقنى چېخ ئالىمى خروزنى (1879 - 1952) 1915 - يىلى غەلبىلىك ئوقۇپ ئىزاھلاپ چىققانىدى. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، خىتىتتېلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي رايونىدىن كىچىك ئاسىياغا كېلىپ چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق قوشۇمچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە قەدىمكى مىسىر ۋە بابىل مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. خىتىتتېلار مىقسىمان يېزىق بىلەن ئېروگلىف يېزىقىنى قوللانغان. مىلادىدىن ئاۋۋالقى ⅩⅤ ئەسىردىلا <خىتتىتې قانۇنلار توپلىمى> نى تۈزۈپ چىققان. بۇ، دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى يازما قانۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا قۇلدارلىق تۈزۈمنى قوغداشقا دائىر تەپسىلىي بەلگىلىمىلەر بايان قىلىنغان. خىتىتتېلار ئاساسەن كۆپ ئىلاھلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. خىتىتتېلار مىلادىدىن ئاۋۋالقى 2000 - يىللىرى بىرىنچى بولۇپ تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىپ، كۇلالىچىق، توقۇمچىلىق قاتالىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. <تۆمۈر ھوقۇق بەلگىسى> دىگەنگە ئوخشاش سۆز - ئىبارىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيا قەدىمكى زامان تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن تۆمۈر قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر