UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرسېربلار

سېربلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر سېربلار يۇگۇسلاۋىيە فېدېراتىۋ جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 8 مىليون 970 مىڭ، ئاھالىسىنىڭ 6 مىليون 500 مىڭى سېربىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 75 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. 1 مىليون 360 مىڭى بوسىنىيە - گېرتسېگوۋىنادا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ئاھالىسىنىڭ 32 پىرسەنتى ئىگىلەيدۇ. 580 مىڭى خورۋاتىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار جۇمھۇرىيەت ئاھالىسىنىڭ 11 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، 700 مىڭدىن كۆپرەك سېرب سلوۋېنىيە، ماكېدونىيە، رۇمىنىيە، ۋېنگىرىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق ئەللەرگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. سېرىلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ بالقان تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى سلاۋيان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ جەنۇبىي تىل تارمىقىغا تەۋە سېرب - خورۋات تىلىنىڭ ئۈچ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كىرىل يېزىقى دەپ ئاتىلىدىغان مىللىي يېزىقى بار.ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا، ئاز بىر قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. سېربلار ئاساسەن يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن بۇغداي، كۆممىقوناق، قىزىلچا ۋە ئۈزۈم ئۆستۈرىلىدۇ، سانائىتى رەڭلىك مېتال، ماشىنسازلىق، خىمىيە، توقۇمىچىلىق ۋە يېمەك - ئىچمەك سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. سېربلارنىڭ ئەجدادلىرى Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەردە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن سىلاۋيان قەبىلىلىرى بولۇپ، يەرلىك ئېللىرىئانلار، ۋالاكىيە قەبىلىلىرىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت قۇشۇلۇشىدىن پەيدىنپەي ھازىرقى سېرب مىللىتى شەكىللەنگەن. سېرىبلار ئۇن غىزاسى بىلەن بولكىنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، ئادەتتە قاقلاپ پىشۇرغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. سېربلارنىڭ ئەرلىرى بېشىغا قىرسىز يۇمىلاق تەقىيە كېيىدۇ، ئاياللىرى ئۇچىسىغا كەشتىلەنگەن كەڭ يەڭلىك قاپلىما كۆڭلەك بىلەن يوپكا كېيىدۇ، تاغلىق رايوندىكىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قوي يۇڭىدىن توقۇلغان كىيىم - كېچەكلەرنى كېيىدۇ، ئەرلىرى بېلىنى بەلباغ بىلەن باغلىۋالىدۇ، ئاياللىرى ئالدىغا گۈللۈك پەرتۇق تارتىۋالىدۇ. سېربلارنىڭ يېزىدىكىلىرى مېيتنى كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، شەھەردىكىلىرى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ، ئۆلگۈچى كىچىك بالا بولسا، شۇئان دەپنە قىلىدۇ، ناۋادا ئۆلگۈچى تۇرمۇش قۇرمىغان يىگىت - قىز بولسا، مۇسىبەت مۇراسىمىنى توي مۇراسىمى قاتارىدا ئۇزىتىدۇ، بەزى جايلاردىكى سېربلار جەسەتنى دەپنە قىلىپ، قىرىق كۈندىن كېيىن قايتا قېزىپ چىقىرىپ، ئۇستىخانلىرىنى يىغىۋېلىپ چېركاۋغا ئاپىرىپ قىرىق كۈن ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە قايتا دەپنە قىلىدۇ. سېربلارنىڭ روژدېستۋو بايرىمى، ياشلار بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرى بار. سېربلارنىڭ روژدېستۋو بايرىمى بىلەن پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ 40 كۈندەك داۋام قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر