قىتانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
قىتان - ئېلىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدا ياشىغۇچى قەدىمكى مىللەت قوۋملارنىڭ بىرى ھەمدە ھاكىمىيەت نامى. قىتانلار شەرقىي غۇز - سىيانپىيلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامى شىمالىي ۋېي سۇلالىسى (386 - 534) دەۋرىدىكى تارىخنامىلاردا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇلار دەسلەپ شەرقىي شىمالدىكى لياۋشۈي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق، بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. سۈي - ياڭ سۇلالىلىرى ئارلىقىدا سەككىز قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەشكىل قىلغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە قىتانلارنىڭ ئاقساقىلى يەللىغ قەبىلىسىنىڭ قەبىلە باشلىغى يەللىغ ئاباگې (872 - 926) ئەتراپىدىكى قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ 916 - يىلى قىتان خانلىقىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت نامىنى قىتان دەپ ئاتىغان. بۇ جۇڭگو تارىخىدا لياۋ سۇلالىسى (907 - 1125)، ئەرەب ۋە غەرب تارىخنامىلىرىدا <قارا قىتانلار> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سۇلالە 1124 - يىلى جۇرجىتلار قۇرغان جىن سۇلالسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. قىتانلار كېيىن پەيدىنپەي خەنزۇ، جۇرجىت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە ئۆزلىشىپ كەتكەن. خان جەمەتىدىن بولغان يەللىغ تاشىن (1087 - 1143) 1224- يىلى 200 مىڭ كىشلىك قوشۇننى باشلاپ غەربىي يۇرتقا كېلىپ، غەربىي قىتان ھاكىمىيتى (1124 - 1218) نى قۇرغان. قىتانلار مۇسۇلمان تارىخنامىلىرىدا <قارا قىتانلار> دەپ، ئۇلار قۇرغان ھاكىمىيەت <قارا قىتان خانلىقى> دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ پايتەختى قۇز ئوردۇ (بالاساغۇن) دا ئىدى. ئۇنىڭ تەۋەسىدە قاڭقىل، قارلۇق، ئۇيغۇر، نايمان قاتارلىق قەبىلە - قوۋملار ياشايتتى؛ قۇچۇ (ئىدىقۇت)، خارەزم، سەلجۇق تۈركلىرى قۇرغان خانلىقلارنىمۇ ئۆزىگە بويسۇندۇرغانىدى. قارا قىتانلار زېمىنىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپى ئارال دېڭىزىغىچە، جەنۇب تەرىپى ئامۇ دەرياسى ۋە قارا قۇرۇم تاغلىرىغىچە، غەرب تەرىپى كاسپىي دېڭىزىغىچە، شەرق تەرىپى قۇمۇلغا قەدەر كېڭەيگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان قىتانلارنىڭ كۆپچىلىكى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، ئاھالىلىرى ئاساسەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.
قارا قىتان ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلارنىڭ ئاھالىلىرى قىتان، ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئەرەب ۋە پارىس تىل - يېزىقىنى قوللانغان. قارا قىتانلار ھاكىمىيىتى 94 يىلدەك مەۋجۇت بولۇپ، 1218 - يىلى موڭغۇللار تەرىپىدىن يوقىتىلغان.