UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرسارالار

سارالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر سارالار ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى چاد جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزىنى <ھاجىنگايلار> دەپ ئاتايدۇ. سارالارنىڭ 86 پىرسەنتى چاد جۇمھۇرىيىتىدە (1 مىليون 100 مىڭ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى (150 مىڭ) قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 1 مىليون 140 مىڭ، ئۇلار چاد جۇمھۇرىيىتى نوپۇسىنىڭ 26 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. سارالار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، ئۇلار سارا - نىگاما، سارا - گۇلاي، سارا - مىباي قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ. سارالار نىلوت - سەھرا تىللىرى سىستېمىسى شارى - نىلوت تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە سارا تىلىنى قوللىنىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئەرەب تىلى بىلەن فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. سارالارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىندۇ، دېھقانچلىقتا كۆممىقوناق، پۇرچاق، شال، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. سارالارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، باگىرمىلاردىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. سارالارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق ھېيت - ئايەملىرى بار، ئۇلار روزا ھېيتنى ھىجرىيە 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، قۇربان ھېيتنى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆتكۈزىدۇ. سارالاردا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلىش، خوتۇن ئۈسىتگە خوتۇن ئېلىش ئادەتلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
سارالار | UyghurWiki | UyghurWiki