UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرپامپانگانلار

پامپانگانلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر پامپانگانلار فىلىپپىندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن لۇزون ئارىلى مانىلا بوغىزىنىڭ شىمالىدىكى پامپانگا دەرياسى ۋادىلىرى بىلەن ئوتتۇرا قىسىم تۈزلەڭلىكىگە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 1 مىليون 800 مىڭ. پامپانگانلار موڭغۇل ئىرقى مالايا تىپىغا كىرىدۇ. جەنۇبىي ئارال تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە پامپانگان تىلىنى قوللىنىدۇ. پامپانگانلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پامپانگانلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، كوكۇس پالمىسى، مانىلا كەندىرى، شېكەر قۇمۇچى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر