بانتۇلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بانتۇلار <بانتۇ نېگىرلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بانتۇلار ئېكۋاتور ئافرىقىسى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى 22 دەك دۆلەتتە ئولتۇراقلاشقان ئاساسلىق ئاھالىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى.
بانتۇلار نېگىر ئىرقىنىڭ ياش بىر تارمىقى بولۇپ، ھازىرقى ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ مىللەتلەر گۇرۇھىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 140 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، ئافرىقا نوپۇسىنىڭ 33 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار ئاساسەن كونگو ئويمانلىقى، چوڭ كۆل رايونى، زامبېزى دەرياسى ۋە لىمپوپو دەرياسى ۋادىلىرىغا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە نوپۇسى 1 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەتلەر 40، 5 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەتلەر توققۇز، بۇ تۇققۇز مىللەت: نيارۋوندا (8 مىليون 750 مىڭ)، روندى (6 مىليون 630 مىڭ)، ماكۋا (6 مىليون 460 مىڭ)، باكونگو (6 مىليون 170 مىڭ)، زۇلۇ (5 مىليون 650 مىڭ)، مالاۋې (5 مىليون 500 مىڭ)، شۇنا (5 مىليون 440 مىڭ)، كۇسا (5 مىليون 350 مىڭ)، لوبا (5 مىليون) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بانتۇلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى (بانتۇ تىللىرى) سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ بىنوئى - كونگو تىللىرى يەتتە خىل تىل تارمىقىغا تەۋە تىللارنى قوللىنىدۇ.
بانتۇ ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن، ئېكۋاتور شەرقىي ئافرىقسىدىكى دېڭىز قىرغاق رايونىدىكىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، باشقا جايلاردىكىلىرىنىڭ بىر قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
بانتۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە خىلمۇ - خىل قاراشلار بولۇپ، بۇ ھەقتە تېخى ھۆكۈم چىقىرىلمىدى.
بانتۇ مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى شەرقىي ئافرىقىدىكى چوڭ كۆل رايونى بىلەن كونگو دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى رايونى، تەخمىنەن Ⅹ ⅩⅡ ئەسىرلەردە كىتارا، مونوموتابا، كونگو، بۇگاندا، رۋاندا، سۋاھىلى قاتارلىق بىر قاتار دۆلەتلەرنى بەرپا قىلىپ، غەربىي ئاسىيا، ھىندىستان ھەتتا جۇڭگۇ بىلەن سودا ئالاقە قىلىپ كەلگەنىدى.
بانتۇلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكتىن ئىبارەت كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
بانتۇ نېگىرلىرى ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە بىر - بىرىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.
بانتۇلاردا ئومۇمەن بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، بەزى رايونلىرىدا قىز - ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى سۈننەت قىلدۇرىدۇ.
(مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەرگە قاراڭ)