بۇراكۇمىنلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بۇراكۇمىنلار <ياپۇنىيە بۇراكۇمىنلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇراكۇمىنلار ياپۇنىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى بىلەن جەبۇبىي قىسمىدىكى كىيوتو، ئوساكا، نارا، ئىۋا، خېئوگو قاتارلىق جايلارغا يېقىن قاقاس ۋە سازلىق جايلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ (بەزى ماتېرىياللاردا 3 مىليون 600 مىڭ دەپمۇ كۆرسىتىلىدۇ).
بۇراكۇمىنلار موڭغۇل ئىرقى شەرقىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ، ياپون تىل يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
بۇراكۇمىنلار ئوتتۇرا ئەسىردە، ياپۇنىيىدىكى ئاتالمىش <قارا خەلق> نىڭ ئەۋلادى بولۇپ، جەمىيەتتىكى ئەڭ تۆۋەن، تەبىقە ھېسابلانغان. بۇنىڭدىن 350 يىل ئىلگىرى ياپۇنىيىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان كاماكۇرا باكۇفۇمى دەررىدە، ئۇلارنى ياپونچە <ئېتا> (پەسلەر، پاسكىنىلار مەنىسىدە) دەپ ئاتاپ مەخسۇس جايلارغا ئولتۇراقلاشتۇرۇلۇپ ئەمەلدار ئەۋەتىپ باشقۇرۇپ كەلگەن؛ ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىشىك بېشىغا بەلگە سۈپىتىدە ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئېسىپ قويۇشقا مەجبۇرلىغان؛ ئۇلارنى جاللاتلىق قىلىش، جەسەت تەكشۈرۈش، جەسەت ساقلاش، قەبرىستانلىققا قاراش قاتارلىق قارا ئىش دەپ قارايدىغان ئىشلارغا سالغان.
1871 - يىلىدىكى مېيجى يېڭىلىقى (ئىسلاھاتى) دەۋرىدە تىننو (پادىشاھ) بارلىق چىقىرىپ، ئۇلارنى <ئېتا> دەپ ئاتاشنى بىكار قىلىپ <يېڭى بۇراكۇمىنلار> دەپ ئاتاشنى، ئۇلارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئەركىن ماكانلىشىش ۋە كەسىپ تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە بولالمىغان.
ئىگىلىكى يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغان. مەدەنىي - مائارىپ سەۋىيىسى يۇقىرى بولغان بۈگۈنكى ياپونىيىدە ھېلىمۇ 2 مىليون 500 مىڭدەك <بۇراكۇمىن> جەمىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمى سۈپىتىدە ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى نۇرغۇن جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.
بۇراكۇمىنلار نۆۋەتتە كىشلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.