ئامورىتېلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئامورىتېلار <ئاموررۇلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامورىتېلار غەربىي ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 - يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ھازىرقى سۈرىيە، پەلەستىن ئەتراپىدىن تارتىپ پېرىسيە (پارس) قولتۇقىغىچە بولغان كەڭ رايونغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان.
ئامورىتېلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000 - يىللىرىنىڭ بېشىدا، مېسوپوتامىيىنىڭ جەنۇبىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، بەزى شەھەر دۆلەتلىرىنى ئىشغال قىلىۋىلىپ، بابىل شەھىرىنى پايتەخت قىلغان ھالدا، قەدىمكى بابىلۇن پادىشاھلىقى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1894 - 1595 - يىللىرى مەۋجۇت بولغان) نى بەرپا قىلغان.
بابىلۇن پادىشاھلىقى ۋە ئۇنى قۇرغۇچى ئامۇرىتېلار قەدىمكى سومېرلار بىلەن ئاككادلارنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان، پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى بابىل شەھىرى (ئورنى ھازىرقى ئىراقنىڭ باغداد شەھىرىگە 84 كىلومېتىر كېلىدىغان ھىللا دېگەن جايغا توغرا كىلىدۇ.) غەربىي ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەرگە ئايلانغان.
بابىلۇن پادىشاھلىقى دەۋرىدە ئامورىتېلارنىڭ ئاستىرونومىيە، كالېندارچىلىق، ماتېماتىكا، بىناكارلىق ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق ئىلىم - پەن ئىشلىرى راۋاجلانغان. پادىشاھ خاممۇراپې نامى بىلەن ئاتالغان دۇنيا بويىچە تۇنجى ئەڭ مۇكەممەل يازما قانۇن - <خاممۇراپې قانۇنى> شۇ دەۋردە تۈزۈپ چىقىلغان.
ئامورىتېلارنىڭ مېسوپوتامىيىدە ياشىغۇچى ئاھالىلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅧ - ⅩⅦ ئەسىرلەرگە كەلگەندە كاستىلار بىلەن ئاسۇرلارغا ئۆزلىشىپ كەتكەن؛ سۈرىيە ئەتراپىدىكى ئاھالىلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅣ ئەسىرگە كەلگەندە يەرلىك قەبىلىلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن؛ پەلەستىن ئەتراپىدىكى ئاھالىلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅡ - Ⅹ ئەسىرلەرگە كەلگەندە يەھۇدىيلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن؛ شۇڭا يەھۇدىيلارنىڭ دەستۇرى <بېبېل> دىمۇ ئامورىتېلار ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان.