UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئەزەربەيجانلار

ئەزەربەيجانلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئەزەربەيجانلار ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 13 مىليون 770 مىڭدىن كۆپرەك. ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 5 مىليون 800 مىڭى ئىراننىڭ غەربىي شىمالى (كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى) دىكى ئەزەربەيجان ئۆلكىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 25 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ يەنە بىر قىسمى گروزىيە، ئەرمەنىستان، ئۆزبېكىستان بىلەن ئىراق، تۈركىيە قاتارلىق غەربىي ئاسىيا ئەللىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئەزەربەيجانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ غەربىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ (بەزىدە بالقان - كاۋكاز تىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ): ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركى تىللار گۇرۇپپىسى ئوغۇز تىلى تارمىقىغا تەۋە ئەزەربەيجان تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ئەزەربەيجانلار ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپى ۋە سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ؛ ئاھالىلىرى ئىچىدە، دەل - دەرەخ، ئوت ۋە تاش قاتارلىق نەرسىلەرگە چوقۇنۇش ئادەتلىرىمۇ ساقلىنىپ قالغان. ئەزەربەيجانلارنىڭ كۆپى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق، ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىر قىسمى نېفىتلىكلەردە ئىشلەيدۇ؛ دىھقانچىلىقتا ئاساسەن كېۋەز، ئەلا سۈپەتلىك چاي، تاماكا، ھەرخىل مېۋە قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. ئەزەربەيجانلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىدىن بۇرۇنلا جەنۇبىي كاۋكازنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك ئاھالىلەر ئىدى، كېيىن بۇ جايغا كىممېرىئان، سىكىفلار، بۇلغار، خاسا، ھون قاتارلىق قەدىمكى قەبىلە - قوۋملار كۆچۈپ كەلگەن؛ Ⅺ - Ⅹ
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئەزەربەيجانلار | UyghurWiki | UyghurWiki