UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرمادېنگولار

مادېنگولار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ماندېنگولار <مالىنكېلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ماندېنگولار غەربىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن سېنېگال دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ئەتراپىدىكى رايونلاردا يەنى 1.43 پىرسەنتى گۋىنىيىدە، 18 پىرسەنتى كوتېدىۋادا، قالغان قىسمى مالى، سېنېگال، گامبىيە، گۋىنىيە، بىسسائۇ، سېررالېئون، بوكىنافاسو ۋە ماۋرىتانىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتتە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 5 مىليون 860 مىڭ. ماندېنگولار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسنىڭ ماندى تىلى شىمالىي تارمىقىغا تەۋە ماندېنگو تىلىنىڭ ئۈچ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، بەزى مىللەتلەرنىڭ مىللىي يېزىقى بار، بەزىلىرىنىڭ يوق. ماندىنگولارنىڭ كۆپىنچسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ. ماندىنگور ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ماندىنگولاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى ساقلىنىپ قالغان، ئومۇمەن ئوغۇل - قىز پەرزەنتلىرى سۈننەت قىلىدۇرىدۇ. ماندىنگولاردا كالا ھەر بىر كىشىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ، ئۇنى تويلۇق، نەزىر - چىراغ بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ، ئادەتتە كالا سۈتىنى ئىستېمال قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر