UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرسىگانلار

سىگانلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر سىگانلار دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ ئالاھىدە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى <روملار> دەپ ئاتايدۇ. سىگانلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 10 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، ئۇنىڭ 5 مىليونى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى (290 مىڭ)، ئىسپانىيە، ۋېنگىرىيە (257 مىڭ)، بۇلغارىيە(200 مىڭ)، گرېتسىيە، فىنلاندىيە، رۇمىنىيە (230 مىڭ)، فرانسىيە، ئىتالىيە، سلوۋاكىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شۋېتسارىيە، ئالبانىيە، ماكېدونىيە (80 مىڭ) قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان؛ 1 مىليون 900 مىڭى شىمالىي ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان؛ 1 مىليونى ئوتتۇرا شەرق، تۈركىيە، بېنگال (200 مىڭ) ھىندىستان ۋە شىمالىي ئافرىقا ئەللىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. سىگانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە سىگان تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتى بىلەن سۆزلىشىدۇ ھەمدە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر تىلىنىمۇ بىلىدۇ. سىگانلار تىلىدا بىر مۇنچە گرېك، مىسىر ۋە تۈرك سۆزلۈكلىرى بار. سىگانلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى ئومۇملاشقان دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىراق قەدىمدىن تارتىپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان خۇراپىي قاراشلىرىنىمۇ ساقلاپ كەلمەكتە. سىگانلار تىل ۋە كېلىپ چىقىشىغا قاراپ ئۇيۇشقان مىللەتلەر گۇرۇھى بولۇپ، ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، سىگانلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالى يەنى ھازىرقى پەنجاب شىتاتى ئەتراپىدا ياشىغۇچى روملار بولۇپ، ئۇلار Ⅴ ئەسىردىن تارتىپ پېرسىيە ئىمپېرىيىسى تەۋەسىگە سىڭىپ كىرگەن، Ⅶ ئەسىردە ئەرەب ئىمپېرىيسى تەۋەسىگە سىڭىپ كىرگەن، Ⅹ ئەسىرگە كەلگەندە يەنە تۈركلەرنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا بېسىپ كىرىشى ۋە دىنىي ئېتىقاد تۈپەيلىدىن سىرتقا قېچىپ تارىلىپ كېتىشىگە باشلىغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئاياغ ئىزى بەش قىتئەنىڭ ھەممىسىگە يېتىپ بارغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سىگانلارنىڭ ئوندىن بىر قىسمى ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرىدا ئۆلتۈرۈلگەن. سىگانلار رومان تىلىدا سۆزلىشىدىغان روم گۇرۇھى، سىنتو تىلىدا سۆزلىشىدىغان مانوسلار گۇرۇھى، كالو تىلىدا سۆزلىشىدىغان كالو گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ گۇرۇھقا ۋە <لوۋئارا>، <ماكۋايا>، <كادېراشا>، <چورارا> دىن ئىبارەت تۆت چوڭ قەبىلىگە بۆلۈنىدۇ، قەبىلىلەر ئارا پەرقمۇ خېلىلا چوڭ. سىگانلارنىڭ ئەنئەنىۋى جەنئىيىتى قانداشلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلار قەبىلە - ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتىنى ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن. سىگانلاردا باشقا مىللەتلەردەك ئورتاق بولغان مۇقىم ئىگىلىك سىستېمىسى يوق. سىگانلارنىڭ ئەرلىرى تۆمۈرچىلىك، ئاتچىلىق، لاۋازىمەتچىلىك، مۇزىكانتىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاياللىرى پال ئېچىپ رەم بېقىش، سېھىرگەرلىك قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سىگانلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ. سىگانلارنىڭ كۆپ قىسمى ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ، يۇرت - ئارىلاپ، جاھان كېزىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. شۇڭا بۇ مىللەت رومانتىك ۋە سىرلىق تۈس ئالغان بولۇپ، تارىختىن بۇيان يازغۇچىلار، شائىرلار ۋە مۇزىكانتلارنىڭ دائىملىق ئىجادىيەت تېمىسى بولۇپ كەلگەن. سىگانلار ھازىرقى زامان تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ تەقەززاسى بىلەن پەيدىنپەي كۆچمەن تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئولتۇراق تۇرمۇشقا كۆچۈپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يۈزلەنگەن. سىگانلار بۇرۇن دائىم يۇرت ئارىلاپ كۆچۈپ يۆتكىلىپ يۈرگەنلىكتىن، ئۇلاردا باشقا مىللەتلەردەك مۇقىم تۇرار جاي بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆيى - سەپەر ئۈستىدە ھارۋا، قونالغۇ ئۆتەڭلەردە ۋاقىتلىق قۇرۇلغان چېدىر (كىگىز ئۆي) دىن ئىبارەت. سىگانلار مەيلى ھارۋا ياكى چېدىر ئۆي بولسۇن، ئۇنى رەڭگارەڭ نەرسىلەر بىلەن بېزەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىگانلارنىڭ نىكاھ، توي - تۆكۈن ئادەتلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، يىگىت - قىزلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشىدىن تارتىپ تۇرمۇش قۇرغىچە بولغان جەريانىنىڭ ھەننىۋاسى ناخشا - ئۇسسۇل ئىچىدە ئۆتىدۇ. سىگانلارنىڭ <بۈۋىمەريەم ئانا> ۋە <ئاياللار بايرىمى> قاتارلىق ئۆزگىچە مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار. سىگانلارنىڭ ئاياللىرى چۆرىسىگە يېشىل، كۆك، سېرىق جىيەك تۇتۇلغان، قورساق قىسمى ئازىراق ئوچۇق بولغان قىزىل رەڭلىك كۆڭلەك ياكى يوپكا ۋە جىلىتكە كېيىدۇ، بېشىغا رومال سېلىۋالىدۇ. نەرسە - كېرەكلەرنى بېشىدا كۆتۈرىدۇ. سىگانلار تۇغما مۇزىكا تالانتىغا ئىگە مىللەت بولۇپ، تارىختا سىگانلارنىڭ ئۆزئىچىدىن نۇرغۇنلىغان مەشھۇر كومپوزىتور، مۇزىكانتلار يېتىشىپ چىققان. مەسىلەن: گىتار پىرى مانىتىس، كومپوزىتور رېمىي قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق مۇزىكانتلار شۇلارنىڭ ۋەكىللىرى ھېسابلىنىدۇ. ۋېنگرىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سىگانلار مۇشۇ ئەللەر مۇزىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان. سىگانلار ئات بىلەن ئىت گۆشىنى يېمەيدۇ، سىگانلارنىڭ ئۆزگىچە رەڭ قارىشى بار بولۇپ، ئۇلار قىزىل رەڭنى بەخت - تەلەي ۋە ئاسايىشلىقنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ. شۇڭا مۇسىبەت كۈنلىرى قىزىل رەڭلىك كىيىم كېيىشنى مەنئىي قىلىدۇ. سىگانلاردا ئايال ياتلىق بولۇپ قورساق كۆتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل سىرت بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئايرىم ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، ئۇنىڭ مۆھلىتى بىردەك بولمايدۇ، مەسىلەن: گېرمانىيىدە ياشىغۇچى سىگانلاردا ئالتە ھەپتە، ئەنگىلىيىدە ياشىغۇچى سىگانلاردا تۆت ھەپتە بولىدۇ. سىگانلار ئېغىر ئاياغ ئاياللارنى ساپ، پاكىز ئەمەس دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلارنى يىراق بىر جايغا ئاپىرىپ، ۋاقىتلىق كەپە ياكى لاپاس ياساپ تۇغدۇرىدۇ، تۇغۇت داۋامىدا ئىشلەتكەن يوتقان - كۆرپە، كىيىم - كېچەك، قاچا - قۇچىلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ ياكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، بوۋاقنى ھەرقانداق ئادەمگە كۆرسەتمەيدۇ. سىگانلار مېيتنى دەپنە قىلىش جەھەتتە ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ ئادىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. سىگانلاردا ئادەم قازا قىلغاندىن كېيىن، تۇز سۈيى بىلەن پاكىز يۇيۇپ، ھايات ۋاقتىدا ياخشى كۆرىدىغان كىيىمىنى كېيگۈزۈپ، ساندۇققا سالىدۇ. مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى مېيت ئالدىدا يىغا - زارە قىلىدۇ، دەپنە قىلىش ۋاقتىدا، كىشىلەر يەرلىككە ھەر خىل تەڭگىلەرنى تاشلايدۇ. يەرلىككە قويۇپ بولغاندىن كېيىن، قەبرە بەلگىسى ئورنىتىپ بىر يىل ئىچىدە قەرەللىك ھالدا تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن مەرھۇمنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر