مېكسىكىلىقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
مېكسىكىلىقلار <مېكسىكانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مېكسىكىلىقلار مېكسىكىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 2.86 پىرسەنتى مېكسىكىغا توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 65 مىليون 950 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 6.87 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا 6 مىليون 800 مىڭ مېكسىكىلىق ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى شتاتلىرى ۋە كانادا قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 80 مىليون.
مېكسىكىلىقلار شالغۇت ئىرققا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىسپان تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار.
مېكسىكىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى مەبۇدقا چوقۇنۇش ئادىتىنى ساقلاپ كەلگەن، ئۇ يەردە بۇدپەرەستلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
مېكسىكىلىقلار ئاساسەن يېزا ئىگىلىك، سانائەت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن كۆممىقوناق، پۇرچاق ۋە قەھۋە قاتارلىقلار تېرىلىدۇ.
مېكسىكىلىقلار ئاساسەن ئۈچ ئەسىر داۋامىدا يەرلىك ئىندىئانلار، ئىسپانلار ۋە ئافرىقىدىن كەلگەن نېگىرلارنىڭ ئارىلاشمىسىدىن پەيدىنپەي شەكىللەنگەن ئارىلاشما قان سىستېمىسىدىكى شالغۇت مىللەت.
مېكسىكىلىقلار كىيىم - كېچەك، يىمەك - ئىچمەك، تۇرار - جاي قاتارلىق جەھەتتە ئىندىئانلارنىڭ ئەنئەنىسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە قەدىمىكى ئىنىدىئانلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئىسپانلار مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە بولغان مېكسىكا مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان.
مېكسىكىلىقلار كۆممىقوناقتىن قىلىنغان غىزالارنى ئاساسلىق يېمەك قىلىدۇ.
مېكسىكىلىقلارنىڭ مىللىي ئۇسلۇبتىكى كىيىم - كېچىكى <چادۇ> بولۇپ، ئۇ تار ئىشتان، بەلباغ (پوتا)، پىلاش، گىرۋىكى كەڭ كەلگەن قالپاقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مېكسىكا ئەرلىرىدە ھېلىمۇ پىلاش كېيىش ئادىتى بار. بۇنى مېكسىكىلىقلار <ساراپىن> دەپ ئاتايدۇ.
مېكسىكىلىقلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، قائىدە - يوسۇنلىرى ئاساسەن ئامېرىكىلىقلارنىڭكىگە ئوخشىشپ كېتىدۇ.
مېكسىكىلىقلار 5 - ماي غەلبە بايرىمى، 15 - 16 - سېنتەبىر ھۆرلۈك بايرىمى، قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى، مۇقەددەس قېيىق بايرىمى، پۇسادا بايرىمى، روژدېستۋو، پاسخا، تەنتەنە بايرىمى، <ئۈچ پادىشاھ> بايرىمى (6 - نويابر ئۆتكۈزىلىدۇ)، دوستلۇق بايرىمى قاتارلىق بايراملاردىن باشقا كۆممىقوناق بايرىمى، بولكا بايرىمى، ئېشەك بەيگىسى بايرىمى ۋە يەنە يېڭى يىل بايرىمىنىمۇ ئۆتكۈزىدۇ.
مېكسىكىلىقلاردا قىزلار 17 ياشقا كىرگىچە جۆرە تاپالمىغان بولسا، ئەركىن جۆرە تاللاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ، قىزنى ئاتا - ئانىلىرى يېڭى يىل سوۋغىسى سۈپىتىدە، ئۆزى خالىغان بىرەر يىگىتكە بېرىۋېتىدۇ.
مېكسىكىلىقلار ئەدەپ - قائىدىگە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۆزئارا ئۇچراشقاندا <ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن>، <چۈشلۈكىڭىز خەيرلىك بولسۇن>، <ياخشى چۈش كۆرۈڭ>، <خەير - خوش> دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن سالاملىشىدۇ، ئەل - ئاغىينىلەر ئۇچراشقاندا <سىنى كۆرۈپ خۇرسەن بولدۇم> دەيدۇ. ئاياللار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا قۇچاقلىشىپ، بىر - بىرىنى سۆيۈپ، دوستانە مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئەرلەر بىر - بىرىنى <ئەپەندى>، ئاياللار <خانىم>، ياتلىق بولمىغان قىزلارنى <خېنىم>، يىگىتلەرنى <غوجام ياكى بايۋەچچە> دەپ ئاتىشىدۇ.
مېكسىكا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئان مەدەنىيىتىنىڭ، يەنى مايا مەدەنىيىتى بىلەن ئازتىكلار مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ، بۇ ئىككى مەدەنىيەت مېكسىكىلىقلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
مېكسىكىلىقلار ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ. ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمۇ خېلىلا تەرەققىي قىلغان، فارفۇر - سىر ياغاچ بۇيۇملىرى ۋە ئالتۇن - كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى خېلىلا داڭلىق.
مېكسىكىلىقلارنىڭ مىللىي ئويۇنلىرىدىن بۇقا سوقۇشتۇرۇش، ئات بەيگىسى ۋە سېرىك قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا مېكسىكىلىقلاردا يەنە توخو سوقۇشتۇرۇش قەرەللىك ئۆتكۈزىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مېكسىكىلىقلار كاكتۇس (مېھرىگىياھ) گۈلىنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنى دۆلەت گۈلى ھېسابلايدۇ.
مېكىسكىلىقلار ئاق رەڭلىك نەرسە ۋە گۈللەرنى ياخشى كۆرىدۇ.
مېكسىكىلىقلار ئىسىم، فامىلىسى ئىسپان تىلىدا سۆزلىشىدىغان لاتىن ئامېرىكىسى مىللەتلىرىگە ئوخشاش. ئومۇمەن دىنىي ئىسمى، ئاتىسىنىڭ فامىلىسى ۋە ئانىسىنىڭ فامىلىسىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان.
مېكسىكانلار ئادەتتە دىنىي ئىسمى بىلەن ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنى ئاتايدۇ، يېقىن كىشىلەر ئۆزئارا ئەركىلەتمە ئىسمىنى ئاتايدۇ.