تۇرادجالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تۇرادجالار ھىندۇنېزىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن سۇلاۋىېسى ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شەرقىي، شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز بىر قىسمى ئورمانلىقلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 400 مىڭ.
تۇرادجالار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ. ئۇلار ئۆز ئىچىدىن پالۇ، كورو، پوسو، ساداڭ قاتارلىق نەچچە تارماققا بۆلۈنىدۇ. تۇرادجالار جەنۇبىي ئارال تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تۇرادجا تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق.
تۇرادجالارنىڭ بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە، ئاز قىسمى خرستىئان دىىغا ئېتىقاد قېلىدۇ.
تۇرادجالار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا ئاساسەن شال تېرىلىدۇ.
تۇرادجالارنىڭ ئەجدادلىرى بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرى مالايا تاقىم ئاراللىرىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن.
تۇرادجالار پاترىئاخاللىق ئۇرۇق - قەبىلداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىنى ساقلاپ قالغان، چوڭ - چوڭ جەمەت بولۇپ چوڭ ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، قىزلار تۇرمۇشلۇق بولسىمۇ ئاتىسىنىڭ قېشىدا تۇرۇۋېرىدۇ. يەر ۋە كۆپىنچە مال - مۈلۈكلەر جەمەتنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ.
تۇرادجالارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلگەن. دەرەخ قوۋزىقىدىن توقۇلغان ماتالاردىن تىكىلىدۇ، كالا مۈڭگۈزى ۋە سېرىق مىستىن خىلمۇ - خىل زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساپ تاقىۋالىدۇ. تۇرادجا ئاياللىرى تېرىقچىلىق مەزگىلىدە چاچلىرىنى قەستەن چۇۋۇۋېتىدۇ، ئۇلار مۇشۇنداق ھالەتتە تېرىقچىلىق قىلسا، مول ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن.