گۇرلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
گۇرلار غەربىي ئافرىقا ئىچكى قۇرۇقلۇقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن يۇقىرى ۋولتا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئېقىنىدىكى بوكىنا فاسۇ، گانا، كوتېدۋا، مالى، توگو، بېنىن قاتارلىق دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 12 مىليون 480 مىڭ.
گۇرلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ؛ گۇرلار موسسى، سىنۇفۇ، لوبى، گۇرما، تېم، گروس قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
گۇرلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە گۇر تىلىنى قوللىنىدۇ.
ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسىمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، گۇرلار ئوتتۇرا قەدىمكى زاماندا موسسى گۇرما، داغونبا قاتارلىق دۆلەتلەرنى بەرپا قىلىپ، ئۆزگىچە ماددىي، مەنىۋى مەدەنىيەت ياراتقان.
(مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەرگە قاراڭ)