UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرتۈركلەر

تۈركلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر تۈركلەر تۈركىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ ئومۇمى نوپۇسى 44 مىليون 500 مىڭ. ئۇنىڭ 8.93 پىرسەنتى تۈركىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 8.80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا گرېتسىيە، گېرمانىيە(1 مىليون 500 مىڭ) فرانسىيە، بۇلغارىيە، سابىق يۇگۇسلاۋىيە، ئالبانىيە، ئىران، سېپرۇس ۋە گوللاندىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ 2 مىليون 800 مىڭدىن كۆپرەك تۈرك بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سسېپرۇستا ئاھالىنىڭ 19 پىرسەنتىنى، ماكېدونىيىدە 5 پىرسەنتىنى، بۇلغارىيىدە 10 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. تۈركلەر موڭغۇل ئىرقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا تىپى ئارىلاشقان ياۋروپا ئىرقى ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ. ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىنىڭ غەربىي تىللار تارمىقىغا تەۋە تۈرك تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇتىل تۈركىيىدە دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ؛ مىللى يېزىقى بار، تۈركلەر دەسلەپ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى تۈرك يېزىقىنى قوللانغان. ھازىر لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى تۈرك يېزىقىنى قوللىنىدۇ. تۈركلەرنىڭ 99 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار دىنىي مائارىپقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. تۈركلەرنىڭ 60 پىرسەنتى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا ئاساسەن بۇغداي، كېۋەز، تاماكا، ئۈزۈم، زەيتۇن، كۆكتات ئۆستۈرىدۇ. 40 پىرسەنتى چارۋىچىلىقتا قوي (بولۇپمۇ ئەنقەرە قويى)، ئۆچكە، كالا، ئات قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. سانائەتتە يىمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، تاماكا سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. تۈركلەر ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادلىرى ئوغۇز تۈركلىرى ئىدى. يېزىلاردىكى تۈرك ئاھالىلىرى ئىچىدە، قىز ئېلىپ قېچىپ نىكاھلىنىش، قايچا قۇدىلىشىش (ئۆز - ئارا قىز ئالماشتۇرۇش)، ئوغۇلچىلاپ كىرىش، نىكاھتا سودىلىشىش، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى نىكاھ ئادەتلىرى ھېلىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىپ قالغان. تۈركلەرنىڭ توي مەرىكىسى <كېلىننى يۇيۇندۇرۇش>، <كېلىنگە خېنە قويۇش>،<يول توسۇش> ۋە <كېلىننى ھۇجرىغا يۆتكەپ كىرىش> قاتارلىق نۇرغۇن ئەنئەنىۋى مۇراسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈركلەرنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، مەۋلۇد، تاتلىق ئۇماچ ئىچىش (ئاشۇرا) كېچىسى، مئىراجغا چىقىش كېچىسى، ھىدراللەز، نورۇز ۋە يىگىتلەرنىڭ ئۆيىگە قايتىش بايرىمى قاتارلىق دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار. ھىددەللەز بايرىمى ھەر يىلى 6 - ماي كۈنى كۆكلەمنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزىلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. چېلىشىش، چەۋەندازلىق، تۆگە سوقۇشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش ۋە تېرە قورچاق ئويۇنى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركچە چېلىشىش (قەدىمكى تۈركچە چېلىشىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئۆزگىچە بولىدۇ.تۈركلەر گۈل - گىياھقا ھېرىسمەن مىللەت. تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەت ۋە توي مەرىكىلىرىنىڭ ھەممىسى گۈلسىز ئۆتمەيدۇ. تۈركلەر سامساقنى بەخت - تەلەي ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا يېزا قىشلاقلىرىدا نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئىشىك بېشىغا سامساق ئېسىپ قويۇلىدۇ. تۈركلەر ئۆزگىچە رەڭ قارىشىغا ئىگە مىللەت. ئۇلار ئومۇمەن ئالا - يېشىل ۋە چەيزە رەڭنى شۇملۇق، بىتەلەيلىكنىڭ بىشارىتى دەپ يامان كۆرىدۇ، ئادەتتە بۇ خىل رەڭلىك كىليىم - كېچەكلەرنى كېيمەيدۇ؛ ئاياللار، بولۇپمۇ تۇل، بويتاق ئاياللار تۇخۇم يېمەيدۇ. تۈركلەرنىڭ موھىم بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئادەتتە <ھاممام>(تۈركچە سەرەپخانا، مۇنچا) غا بېرىپ يۇيۇنۇش، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ھەمسۆھبەتتە بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئاساسەن رىملىقلاردىن قالغان ئەنئەنە بولۇپ، بۇ خىل ھامماملار ناھايىتى ئوبدان بېزەلگەن بولىدۇ. تۈركلەر مول خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت، تۈرك ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرى ئىچىدە <دەدە قورقۇت مەسەللىرى> بىلەن <خوجا نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى> قاتارلىقلار ئەل ئىچىگە كەڭ تارالغان . <دەدە قورقۇت مەسەللىرى> تۈركلەرنىڭ ئەجدادى ئوغۇزلاردىن تارتىپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان داستان خاراكتېرلىك ئېغىز ئەدەبىيات مىراسى بولۇپ، ⅩⅤ ئەسىرنىڭ بېشىدا قەلەمگە ئېلىنىپ رەتلەپ چىقىلغان. تۈركلەر تارىختىن بۇيان ئىسىم قوللىنىپ، فامىلە قوللانمىغان. پەقەت تۈركىيە بۇرژۇئا ئىقىلابىدىن كېيىن <فامىلە قانۇنى> تۈزۈپ چىقىلىپ، فامىلە قوللىنىشقا ئادەتلەنگەن. تۈركلەردە پەرزەنتلىرى ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىدۇ، ئايرىم ئەھۋال ئاستىدا ئانىسىنىڭ، بوۋىسىنىڭ فامىلىسىنىمۇ قوللىنىدىغانلارمۇ ئۇچرايدۇ. قىزلار ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن ئېرىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىدۇ. تۈركلەر ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇزنى بەخت - سائادەت، ئامەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر