ئارگېنتىنالىقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
(1) ئارگېنتىنالىقلار - <ئارگېنتىنئانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئارگېنتىنالىقلار ئارگېنتىنادا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 9.98 پىرسەنتى ئارگېنتىنادا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 26 مىليون 600 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 8.81 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا، پاراگۋاي، ئۇرۇگۋاي، برازىلىيىدىمۇ بىر قىسىم ئارگېنتىنالىق بار. ئومۇمىي نوپۇسى 27 مىليوندىن كۆپرەك.
ئارگېنتىنالىقلار ياۋروپا كۆچمەنلىرىنى ئاساس قىلغان ئارىلاشما قانلىقلار ئىرقىغا كىرىدۇ.
ئارگېنتىنالىقلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپسىغا تەۋە ئىسپان تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
ئارگېنتىنالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاھالىلىرى ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، كۆممىقوناق، ئاپتاپپەرەس، زىغىر، شېكەر قومۇچى، كېۋەز، تاماكا، ياڭيۇ قاتارلىقلار تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىقى كالا بىلەن قوي باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان، كالا گۆشى ئېكىسپورتىدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شەھەر نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئارگېنتىنالىقلارنىڭ سانائەت تەرەققىياتى سەۋىيىسى لاتىن ئامېرىكىسى مىللەتلىرى ئىچىدە بىر قەدەر يۇقىرى مىللەتلەرنىڭ بىرى.
(2) ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتى ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 32 مىليون 330 مىڭ، ئۇنىڭ 81 پىرسەنتىنى ياۋروپالىق ئاقتەنلىكلەرنىڭ ئەۋلادى، 2.2 پىرسەنتىنى ئىندىئانلار تەشكىل قىلىدۇ، ھازىر ئارگېنتىنادا تەخمىنەن 4 مىليون 300 مىڭ كۆچمەن بار، ئۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليون 280 مىڭ ئىتالىيان، 520 مىڭ گالىيىلىك، 500 مىڭ يەھۇدى، 400 مىڭ ئىسپان بار.
ئارگېنتىنالىقلارنىڭ 87 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، 5 پىرسەنتى يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، پاتاگۇنىيە رايونىدىكى بەزى ئاھالىلىرى شامانىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىندىئانلار ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىپتىدائىي دىنلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
ئارگېنتىنانىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى ئىندىئان قەبىلىلىرىدۇر.
ئارگېنتىنالىقلارنىڭ تۇرار جاي، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆرپ - ئادەتلىرى ئىندىئانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاساسەن غەربنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئامېرىكا، ياۋروپا مىللەتلىرىدىن ئانچە كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.
ئارگېنتىنالىقلارنىڭ روژدېستۋو، پاسخا، تەنتەنە، يېڭى يىل بايرىمى ۋە مېندوزا ئۈزۈم بايرىمى، ئالما بايرىمى، موزاي بايرىمى، چاڭغا تېيىلىش بايرىمى قاتارلىق ھېيت - بايراملىرى بار. ئارگېنتىنالىقلار يېڭى يىل كۈنى ئائىلىسى بويىچە دەريا بويلىرىغا بېرىپ، گۈل بەرگى بىلەن بەدىنىنى ئۇۋۇلاپ يۇيۇنىدۇ، شۇ ئارقىلىق يېڭى بىر يىلدا ھەممە ئىشلىرىنىڭ خاسىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيدۇ.
مىندوزا ئۈزۈم بايرىمىنى ھەر يىلى 22 - فېۋرالدىن 9 - مارتقىچە بولغان مەزگىلدە مول ھوسۇلنى كۈتىۋېلىش، كېلەر يىللىق ئۈزۈمنى ياخشى ھوسۇل بېرىشىنى تىلەش يۈزىسىدن ئارگېنتىنانىڭ مۇھىم ئۈزۈمچىلىك شىتاتى - مىندوزا شىتاتىنىڭ مىندوزا شەھىرىدە ئۆتكۈزىدۇ، بايرام ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، بىر ئايدەك داۋام قىلىدۇ.
موزاي بايرىمى ھەر يىلى 4 - ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزىلىدۇ، بۇ كۈنلىرى كىشلەر ئات بەيگىسى، جانبازلىق، چەۋەندازلىق، ئات ئۈستى ئويۇنى قاتارلىق خىلمۇ - خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ بايرامنى قۇتلۇقلاپ، مال - چارۋىدىن مول ھوسۇل ئېلىشنى تىلەيدۇ.
چاڭغا تېيىلىش بايرىمى ھەر يىلى 9 - ئاينىڭ 20 -، 21 - كۈنلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ، بۇ كۈنلىرى بايرامغا قاتناشقۇچىلار ھەقسىز يېمەك - ئىچمەكتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ. ھەمدە مەملىكەت بويىچە ساھىبجاماللار تاللاپ چىقىلىدۇ.
ئارگېنتىنالىقلار قىزغىن، ھېسىياتچان، ئۈمىدۋار، قائىدە - يوسۇنلۇق كېلىدۇ. ئارگېنتىنالىقلارنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل ۋە مۇزىكىلىرى قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى <تانگو> ئارگېنتىنا خەلق سەنئىتىدىكى گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. ئارگېنتىنالىقلار ئاساسەن ياۋروپا پوسۇندىكى كىيىم - كېچەكلەرنى كېيىدۇ، پۇتبۇل، ئات ئۈستى تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىقلار ئومۇملاشتۇرۇلغان.
ئارگېنتىنالىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى غىزاسى <ئاسادو> بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە كالا گۆشى كاۋىپى بىلەن قورۇمىلاردىن ئىبارەت. بۇنى يۇقىرىدا زۇڭتۇڭ، مىنىستىرلاردىن تارتىپ ھەممە كىشى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئارگېنتىنالىقلار ئەرلەرنىڭ ساقال - بۇرۇت قويۇشىنى يامان كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنىدىمۇ بۇ ھەققىدە ئالاھىدە بەلگىلىمە بار.
ئارگېنتىنالىقلار سۇنى ئەڭ مۇقەددەس، پاك دەپ قارايدۇ. ئارگېنتىنالىقلار بولۇپمۇ ئىسپان تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئارگېنتىنالىقلار دارچىن دەرىخىنى بەكمۇ قەدىرلەش ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاش ئادىتى بار، ئۇلار دارچىن دەرىخىنى شان - شەرەپ ۋە غەلىبىنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، ئارگېنتىنانىڭ دۆلەت گېربىگە دارچىن دەرىخى يوپۇرمىقى چۈشۈرۈلگەن.