UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئاكانلار

ئاكانلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئاكانلار غەربىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇپپسىنىڭ بىر بولۇپ، ئاساسەن گانانىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىدا (5 مىليون 770 مىڭ)، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، قالغانلىرى كوتېدىۋانىڭ شەرقىي جەنۇبىي ۋە توگونىڭ غەربىي جەنۇبىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومومىي نوپۇسى 7 مىليون 540 مىڭدىن كۆپرەك، گانادا ئولتۇراقلاشقان ئاكانلار ئاسانتى (2 مىليون 700 مىڭ)، فانتى (1 مىليون 300 مىڭ) ۋە ئاكيېم (500 مىڭ) قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 52 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئاكانلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كوندو تىللىرى گۇرۇپپسىغا تەۋە ئاكان تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، ئېنگىلىز تىلىنىمۇ بىلىدۇ. ئاكانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋ ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى كاتولىك دىنى ياكى خرستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاكانلار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا باتات، بانان، قەھۋە، كاكائو، كېۋەز، كاۋچۇك، پالما قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرلىدۇ. ئالىملارنىڭ كۆپى ئاكانلارنىڭ ئەجدادلىرىنى شىمال تەرەپتىن كەلگەن ئاھالىلەر دەپ قارايدۇ. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىغا كەلگەندە، ئاكانلار ئولتۇراقلاشقان ھەر قايسى ئەللەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈپ مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. ئاكانلار ئورتاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ - ئادەتكە ئىگە مىللەتلەر گۇرۇھى بولۇپ، مۇزىكا، ئۇسسۇل، ناخشا - قوشاق، داستان قاتارلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا باي. ئاكانلار جەمئىيىتى جەمەت، ئۇرۇق، قەبىلە قاتارلىق تەشكىلاتلارغا بۆلۈنىدۇ، قەبىلىدە ئاقساقاللىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، قەبىلە ئاقساقاللىرى ئەنئەنىۋى كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاكانلار كۇرسى (بەندىڭ) نى مۇقەددەس، پاك، تەڭداشسىز، شاھىيانە ھوقۇقنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ ئۇنى ئالاھىدە ئەتىۋارلايدۇ، شۇڭا كۇرسى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ، توي - تۆكۈنلەردە قىز - يىگىتلىرىگە بېرىلىدىغان تويلۇق مېلى كۇرسى بولۇپ، ئۇنى تاكى ئۆلگىچە تەۋەرۈك قىلىپ ساقلايدۇ، كۇرسىنىڭ ئىگىسى ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ بالا - چاقىلىرى كۇرسىنى قارا سىر بىلەن بوياپ، مەڭگۈلۈك خاتىرە سۈپىتىدە ساقلاش ئارقىلىق مەرھۇمغا بولغان قايغۇ - ھەسرىتىنى بىلدۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر