UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرتاڭغۇتلار

تاڭغۇتلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر تاڭغۇتلار <تانغۇتلار>، <تاڭغىتلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاڭغۇتلار ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغۇچى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى، قەدىمكى چياڭلارنىڭ بىر تارمىقى، شۇڭا <تاڭغۇت چياڭلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاڭغۇتلار ھازىرقى چىڭخەينىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ۋە سىچۈەننىڭ غەربىدىكى تاغ جىلغىلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. تاڭغۇتلار خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە تاڭغۇت تىلىنى قوللانغان. تاڭغۇتلار Ⅵ ئەسىردىن تارتىپ، تاڭ سۇلالىسى، سۇڭ سۇلالىسى، تۈبۈتلەر ۋە قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان، مىلادى 1038 - يىلى، قەبىلە ئاقساقىلى يۈەنخاۋ (1032 - 1048) نىڭ رەھبەرلىكىدە، تاڭغۇتلارنى ئاساس قىلغان ھالدا تاڭغۇت پادىشاھلىقىنى قۇرغان، بۇ جۇڭگۇ تارىخىدا <غەربىي شىيا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلاردا جەمئىي 190 يىل (1038 - 1127) ئون ئەۋلاد پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن. تاڭغۇتلار ئەڭ روناق تاپقان مەزگىلدە خانلىقنىڭ باشقۇرۇشىدىكى جايلار ئالاھەزەل ھازىرقى نىڭشىيا، گەنسۇنىڭ كۆپ قىسمى ۋە شەنشى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. تاڭغۇتلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. تاڭغۇتلار سىياسى، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۆزگىچە يېزىق - تاڭغۇت يېزىقىنى ياراتقان، بۇ يېزىق مىلادى Ⅺ ئەسىردە ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، تەخمىنەن 400 - 500 يىلدەك قوللىنىپ، بۇ يېزىق بىلەن بۇددا دىنىدىكى كىتابلار، لۇغەت - قامۇسلار، ئابىدىلەر قاتارلىقلار يېزىپ قالدۇرۇلغان، بۇلار قەدىمكى تاڭغۇتلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات تارىخى، مەدەنىيىتى، تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا يۇقىرى قىممەتكە ئىگە. تاڭغۇت خانلىقى 1227 - يىلى موڭغۇل قوشۇنى تەرىپىدىن يوقىتىلغان، بىراق تاڭغۇت خانلىقى گۇمران قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، تاڭغۇتلار يۈەن سۇلالىسى بىلەن مىڭ سۇلالىسىدىن ئىبارەت ئىككى سۇلالە دەۋرىدە يەنىلا ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا تارقاق ھالدا ياشاپ، ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن، مىڭ سۇلالىسىدىن كېيىن ئۇلار پەيدىنپەي خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن ياكى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىپ، بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن مەھرۇم بولغان. تاڭغۇتلارنىڭ <تاڭغۇت - چىن قوشما ئۈنچە پۈتۈكلەر>، <مەرىپەت دېڭىزى> ناملىق قامۇس خاراكتېرلىك يازما يادىكارلىقى زامانىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى تاڭغۇتلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
تاڭغۇتلار | UyghurWiki | UyghurWiki