UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرۋيېتلار

ۋيېتلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ۋيېتلار ۋيېتنامدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، <كىنلار>، <ئانناملىقلار>، <ۋيېتناملىقلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ۋيېتلار ئاھالىسىنىڭ 96 پىرسەنتى ۋيېتنامدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 56 مىليون 310 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 84 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا (1 مىليون)، كامبۇدژا، تايلاند، لائۇس، فرانسىيە، ئاۋىستىرالىيە، كانادا، جۇڭگۇ قاتارلىق ئەللەردىمۇ 2 مىليوندىن كۆپرەك ۋيېت بار، ئۇلارنىىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇرۇش ۋە باشقا سىياسى داۋالغۇش مەزگىلىدە چەتئەلگە سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەنلەردۇر. ۋيېتلار موڭغۇل ئىرقى جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ، ۋيېتلار قوللىنىۋاتقان ۋيېتنام تىلىنىڭ قايسى تىل سىستېمىسىغا كىرىدىغانلىقى تېخى بېكىتىلمىدى، ئادەتتە خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسىنىڭ جۇاڭ - دۇڭ گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىلغا كىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئارىلاشما يېزىقى بار ئىدى، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىن تارتىپ لاتىن ئىلىپبەسى ئاساسىدىكى ئېلىپبەلىك يېزىقى يارىتىلىپ، ھازىر پەيدىنپەي كېڭەيتىلىۋاتىدۇ. ۋيېتلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ۋيېتلار ئاساسەن (80 پىرسەنتى) دېھقانچىلىق، قوشۇمچە بېلىقچىلىق، ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شالنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆممىقوناق، كاۋچۇك، كېۋەز، چاي، كاۋاۋىچىن، بانان ۋە كۆكتات ئۆستۈرىلىدۇ. ۋيېتلارنىڭ ئەجدادلىرى ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ياشىغۇچى قەدىمكى لويۆلار، كېيىن بۇلار تارىخنامىلاردا <لاۋلار> دەپ ئاتالغان بولۇپ، دەسلەپ ۋيېتنامنىڭ شىمالىدا ياشاپ، كېيىن جەنۇبقا قاراپ پەيدىنپەي سۈرۈلگەن، كۆچۈش داۋامىدا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئاننام قاتارلىق قەدىمكى دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، لى، چىن، ئالدىنقى لى، كېيىنكى لى، رۇەن قاتارلىق فېئودال خاندانلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن.ۋيېتلارنىڭ شەھەردىكىلىرى ئاساسەن بىنالاردا ئولتۇرىدۇ، يېزىدىكىلىرى ئاساسەن كېسەك ۋە بامبۇكتىن قوپۇرۇلغان ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. ۋيېلار گۈرۈچ، قوناق، بېلىق، كۆكتات قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، ئادەتتە گۆشنى كەم ئىستېمال قىلىدۇ، چۈچۈك، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېمەيدۇ. ۋيېتلارنىڭ شەھەردىكىلىرىنىڭ ئەرلىرى كاستيۇم - بۇرۇلكا، ئاياللىرى يېڭى تار چاپان، قارا، ئاق رەختتىن تىكىلگەن كەڭ پۇشقاقلىق ئىشتان كېيىدۇ، يېزىلىقلىرى ھەر خىل رەڭلىك ئۇدۇل پەشلىك چاپان، قارا رەڭلىك كەڭ پۇشقاقلىق ئىشتان كېيىدۇ. ۋيېتلار ئائىلە - نىكاھ تۈزۈمىدە ئاساسەن ئەركىن مۇھەببەتلىششش ۋە بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمىنى يولغا قويغان، ئائىلىدە ئوغۇلنىڭ چوڭى تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن، ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرگە ئۆتكەندىن باشقا، قالغان ئوغۇللىرى تۇرمۇش قۇرۇپلا ئۆز ئالدىغا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. قىزلىرىنى ياتلىق قىلغاندا، يىگىت تەرەپتىن تويلۇق ئالىدۇ. ۋيېتلار مېيتنى ساندۇققا سېلىپ، يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، شەھەردىكىلىرى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ. ۋيېتلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ھېيت - بايراملىرى، باھار بايرىمى، چوكانتال، تاڭزۇڭزا، تاۋۇز چاغىنى بولۇپ، بۇ بايراملارنىڭ ۋاقتى ۋە مەزمۇنى ئاساسەن خەنزۇلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ۋيېتلار قارا چىش، قارا كالپۇك ئاياللارنى گۈزەل پەرىزات دەپ قارايدۇ، بۇ بەلكىم ۋيېتلار ئاياللىرىنىڭ سىپارى سېغىزى دائىم چايناپ يۈرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ۋيېتلار خەلق ناخشىدىمۇ <ئاق چىش ئىتىنىڭ چىشى> دەيدىغان گەپلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. ۋيېتلار سۇنىڭ تازلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئېتىز - ئېرىق سۇلىرى بىلەن تۇرمۇشتا ئستېمال قىلىدىغان سۇنى ئايرىۋېتىدۇ، ئۇلار جامائەت سورۇنلىرىدا مىشقىرىشنى، قۇلىقىنى كولاشنى، پۇتى بىلەن نەرسە - كېرەكلەرنى كۆرسىتىشنى، قولىنى شىلتىپ سۈرەن - چوقان سېلىشنى، باشقىلارنىڭ بېشىنى سىلاشنى يامان كۆرىدۇ. ۋيېتلار ئوچىقى ئۆينىڭ مەركىزى دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئوچاق ئەتراپىدا كىر - قات يېيىپ قۇرۇتۇشنى مەنئى قىلىدۇ. ۋيېتلار بورا ۋە باشقا نەرسىلەرنى بازاردىن سېتىۋالغاندا ھەرگىز تاق سېتىۋالمايدۇ. ۋيېتلارنىڭ ئەپسانە - رىۋايەتلەرنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرى خېلىلا مول بولۇپ، ئاساسلىقى <تەڭرى ئىلاھ>، <ئەجدەرھا ئەۋلادى ھەققىدە قىسسە>، <تاغ ۋە سۇ ئالۋاستىلىرى> قاتارلىق ئەپسانە - رىۋايەتلىرى خەلق ئىچىگە كەڭ تارالغان، ئۇلاردا ۋيېتلارنىڭ قەدىمكى تۇرمۇش ۋە تەسەۋۋۇرلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ۋېيتلارنىڭ يازما ئەدەبىياتى ⅩⅢ ئەسىردىن تارتىپ شەكىللەنگەن، ئوتتۇرا ئەسىر ئەدەبىياتنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى رۇنجى (1380 - 1442)، لى سىچىڭ (1442 - 1487)، رۈنيۇ (1765 - 1820) قاتارلىق كىشلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن ۋيېتنام يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان.ۋيېتلار سىپارى سېغىزنى نىشانلىق نەرسە دەپ قارايدۇ، توي - تۆكۈنلەردە، مېھمان چاقىرىلغان ياكى زىياپەت ئۆتكۈزۈگەندە ئالدى بىلەن سىپارى سېغىز كەلتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ۋيېتلار (ۋيېتناملىقلار) نىڭ ئىسىم - فاملىسخەنزۇلار بىلەن ئوخشىشپ كېتىدۇ، ئادەتتە ئۈچ خەت بولۇپ، بىرىنچى خېتى فامىلە، ئىككىنچى خېتى قوشۇمچە، ئۈچىنچى خېتى ئىسمى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر