ماسساگېتلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ماسساگېتلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادى Ⅱ ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدە ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىن تارتىپ بالقاش كۆلى ئەتراپىغا قەدەر بولغان رايوندا ياشىغان قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بىرى، سارماتلارنىڭ بىر تارمىقى.
ماسساگېتلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ شەرقىي ئىران تىپىغا كىرىدۇ. ئۇلار تارقالغان رايونى بىلەن ئىرقىي مۇناسىۋەت جەھەتتە ئېلىمىز تارىخنامىلىرىدە قەيت قىلىنغان <ساكلار> دىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.
<ماسساگېت> دېگەن بۇ نام قەدىمكى ئاۋېستا تىلىدىكى <ماسخۇي> (بېلىق يېگۈچىلەر مەنىسدە) بىلەن <ماسياكا> (چوڭ ساكلار مەنىسىدە) دىن كەلگەن بولۇپ، ئومۇمەن كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقى، سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدا ياشىغۇچى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ماسساگېتلار تارىختا ئۆزىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە جەڭ قىلىشقا ماھىرلىقى بىلەن داڭ چىقارغان. ئۇلار ئاتلىق، پىيادە ئەسكەر ۋە مېتال قورال - ياراققا ئىگە بولغان.
قەدىمكى پېرىسيە (ئىران) ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى كىر Ⅱ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 559 - 529 يىللىرى تەختتە بولغان) مىلادىدىن ئىلگىرىكى 529 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىياغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، قوشۇنلىرى ماسساگېتلارنىڭ مۇھاسىرىسى ئىچىدە قېلىپ تارمار بولغان. كىر Ⅱ مۇ بىر قېتىملىق جەڭدە يېڭىلىپ ئۆلگەن. ئىسكەندەر زۇلقەر نەيىن (ئالېكساندېر) ئوتتۇرا ئاسىياغا بېسىپ كىرگەندىمۇ ماسساگېتلارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغان.
قەدىمكى يۇنان جۇغراپىيە ئالىمى سىترابو (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 64 - يىلى - مىلادى 21 - يىل) ماسساگېتلار توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات قالدۇرغان. ئۇ ماسساگېتلارنى ئارال دېڭىز ئەتراپىنى ئۆزىگە ماكان قىلغان ئاھالە بولۇپ، خارەزملىقلارغا ئوخشاش دېھقانچىلىق قىلىشنى بىلىدۇ. بىراق دەسلەپكى مەزگىلدە بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن دەپ قارىغان. ماسساگېتلار ئاساسەن ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسى ئىران تىل گۇرۇپپسىغا تەۋە تىل بىلەن سۆزلەشكەن.
ماسساگېتلار قۇياشقا تېۋىنىپ، ئاق ئاتنى تەڭرىگە ئاتاپ قۇربان قىلغان. ئائىلە - نىكاھ مۇناسىۋىتى جەھەتتە بىر ئايال كۆپ ئەرلىك بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. سايىۋەنلىك ھارۋىنى ئۆزىگە ماكان قىلغان.
ماسساگېتلارنىڭ كۆپ قسىمى كېيىن بېرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئائۇرسى ۋە ئالانىلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئايلانغان.