سېنگاللار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
سېنگاللار سېرلانكىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، نوپۇسى 11 مىليون 986 مىڭ، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 74 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
سېنگاللار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپسى غەربىي تىل تارمىقىغا تەۋە سېنگال تىلىنى قوللىنىدۇ، بۇ تىل سېرلانكىدا ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ئېلىپبەلىك يېزىقى بار، سېنگاللار ئىنگىلىز تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ.
سېنگاللار ئاساسەن بۇددا دىنىنىڭ ھىنايا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، سېنگاللارنىڭ يۇقىرى تەبىقىلىرى ئىچىدە خرستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلىرىمۇ بار، بىراق، بۇددا دىنى سېرلانكىدا دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ.
سېنگاللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، پۇرچاق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى بىلەن قەھۋە، چاي، كاۋچۇك، كوكۇس پالمىسى قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ، چاي، كاۋچۇك بىلەن كوكۇس پالمىسى سېنگاللارنىڭ ئۈچ چوڭ ئەنگۈشتىرى ھېسابلىنىدۇ.
سېنگاللارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى ۋە ئۇلاrنىڭ ئەجدادلىرى ھەققىدىكى قاراش ھەر خىل. بىراق قەدىمكى ئويما يادىكارلىقلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرلەردە ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ شىمالىي قىسمىدىن سەيلۇن (سېرلانكا) غا كۆچۈپ كىرگەن ئارىئانلار بىلەن يەرلىك ئاھالىلىرى ۋېددالارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت قوشۇلۇشىدىن ھازىرقى سېنگال مىللىتى شەكىللەنگەن.
سېنگاللار گۈرۈچ، بۇغداي، كۆممىقوناق، بانان، تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، مېۋە - چېۋە بىلەن كۆكتاتنى قوشۇمچە قىلىدۇ، ئاچچىق - چۈچۈك يېمەكلىكلەر بىلەن كوكۇس ھارىقى ۋە چاينى ياخشى كۆرىدۇ.
سېنگاللار ئائىلە - نىكاھ ئىشلىرىدا مەرتىۋە ۋە يىگىت - قىزنىڭ ياش - قورامىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ.قىز چىقىرىش ئۈچۈن ئاتا - ئانىلىرى مەلۇم ساندا قىز مېلى بېرىدۇ، شۇڭا ئۇلاردا قىز چىقىرىش تەسكە چۈشىدۇ.
سېنگاللارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بىر يىلدا 21 كۈنگە يېتىپ بارىدۇ. بۇ ھېيت - بايراملىرى ئىچىدە يېڭى يىل بايرىمى، ۋېساق نوكچە يېقىش بايرىمى (بۇددا كالېندارى بويىچە 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ)، ئەسىرا - ساكيامونى چىشى بايرىمى (7 - ،8 - ئايلاردا ئۆتكۈزىلىدۇ)، پوسان بايرىمى (5 - ، 6 - ئايلاردا ئۆتكۈزىلىدۇ)، سىۋاپىرى بايرىمى (3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ)، پىلغا مىنىپ سەيلە قىلىش بايرىمى قاتارلىقلارنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ.
سېنگاللارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ پىلدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە پىل بەيگىسى، پىل بىلەن ئارقان تارتىشىش، پىل بىلەن ئويناش، پىل بىلەن كىشلەر كۈچ سىنىشىش قاتارلىقلار بار.
سېنگاللار كەترەن گۈلى بىلەن فىكوس دەرىخىنى مۇقەددەس دەپ بىلىدۇ، ئۇنى دوستلۇق، ئىناقلىق ۋە ئەقىل - پاراسەتنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ.
سېنگاللارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، تۇغۇلغان يۇرتى، ئۆزىنىڭ ئىسمى ۋە فامىلىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ، بەزىلەرنىڭ فامىلە، ئىسىم، تائىپە ۋە ئەمەل - مەرتىۋىدىن تەركىب تاپىدۇ، يەنە بەزىلەر ئىسىم فامىلىدىن باشقا دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنىمۇ قوشۇپ ئاتايدۇ.