UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرباتاقلار

باتاقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر باتاقلار ھىندونېزىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن سۇماترا ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. باتاقلار خەنزۇ تارىخنامىلىردا <ئالا - چىپار يۈزلۈكلەر> دەپ ئاتالغان. نوپۇسى 3 مىليون 700 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 9.2 پىرسەنتىنىلا ئىگىلەيدۇ. باتاقلار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ؛ جەنۇبىي ئاراللار تىللىتى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە باتاق تىلىنى قوللىنىدۇ، بۇرۇن ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى بولغان، كېيىن لاتىن يېزىقىغا ئۆزگەرتكەن. باتاقلار ئاھالىسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە، ئۈچتىن بىر قىسمى ئانىمىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ. باتاقلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ شال، كۆممىقوناق، قەھۋە، تاماكا، بانان، كوكۇس قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. باتاقلار ئەسلىدە مالايلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۆز ئىچىگە ئالتە تارماققا بۆلۈنىدۇ. ئۇلار دائىرلەر، پاقپاقلار، توبالار، كارولار، مەندائىلىڭلار ۋە ئاڭكولاردىن ئىبارەت. باتاقلارنىڭ ئاياللىرى ئۇچىسىغا قارا رەختتىن تىكىلگەن ئۇزۇن كۆڭلەك كېيىدۇ، بېشىغا قارا رەڭلىك ياغلىق چېگىۋالىدۇ، ئالتۇن، باتاق ئاياللىرى ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق بولغان <قوزام> دېگەن ئەللەي ناخشىسى باتاقلارنىڭ خەلق ناخشىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باتاقلارنىڭ يىگىت - قىزلىرى ھېيىت - بايرام كېچىلىرى مۇھەببەت ناخشىلىرى بىلەن ئۆزلىرىگە جورا ئىزدەيدۇ، كۆپرەك يىگىتلىرى تەشەببۇسكار كېلىدۇ. باتاقلارنىڭ توي - تۆكۈن ئادەتلىرى ھىندونېزىيىدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشايدۇ، بىراق تۇغماس ئەر - ئاياللار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا باشقا مىللەتلەردىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ناۋادا ئايال تۇغماس بولسا، ئەرنىڭ يەنە بىر خوتۇن ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئەر تۇغماس بولسا، ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۈچۈن ئايالنىڭ ۋاقىتلىق ئەر تېپىپ، ھامىلدار بولغۇچە شۇ ئۆيدە تۇرۇشىغا يول قويۇلىدۇ. باتاقلاردا قېيىنئانا بىلەن كېلىننىڭ بىۋاستە ئۇچرىشىپ سۆزلىشىشى مەنئىي قىلىنىدۇ، ناۋادا سۆزلىشىش زۆرۈر بولسا ئارىغا ۋاستىچى قويىدۇ، ۋاستىچى تېپىلمىغان ئەھۋالدا، قېيىن ئاتا بىلەن كېلىن دوقۇرىشىپ قالسىمۇ لام - جىم دېيىشمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر