UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرپانامالىقلار

پانامالىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر (1) پانامالىقلار پانامادا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 8.96 پىرسەنتى پانامادا توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 1.91 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا 50 مىڭدىن كۆپرەك پانامالىق ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 900 مىڭدىن كۆپرەك. پانامالىقلار ئارىلاشما قانلىقلار ئىرقىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىسپان تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ، شەھەردىكىلىرى ئىنگلىز تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ. پانامالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا، بىر قىسمى پروتېستانتىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پانامالىقلارنىڭ يېرىمى ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قالغانلىرى سودا، ترانسىپورت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا بانان، شال، كۆممىقوناق، شېكەر قومۇچى، كاكائو، ئاپلىسىن، دادۇر قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. غەربىي قىسمىدىكى ئاھالىسى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. (2) پاناما ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 2 مىليون 40 مىڭ، ئۇنىڭ 65 پىرسەنتىنى ئىندىئان - ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاشما قانلىقلار، 13 پىرسەنتىنى نېگىزلار، 11 پىرسەنتىنى ئاقتەنلىكلەر، 10 پىرسەنتىنى ئىندىئانلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 93 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا، قالغانلىرى پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى. پانامالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسسىق بەلباغ يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمانچىلىق، سانائەت، سودا، ترانسىپورت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. پانامالىقلار گۈرۈچ، قوناق، پۇرچاق ۋە باناننى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ. پاناما ئەرلىرى بېشىغا قارا جىيەكلىك ياكى كەشتىلىك چىغ قالپاق، پۇتىغا چىغ كېپىش كېيىۋالىدۇ. ئاياللىرى گۈللۈك كۆڭلەك كېيىۋالىدۇ. تەنتەنە بايرىمى بىلەن <فىستا - پاتىرۇنال بايرىمى> پانامالىقلارنىڭ ئەڭ كاتتا مىللىي ئەنئەنىۋى بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. <فىسنا - پاتىرۇنال> (<نەزىر - چىراغ بايرىمى>) پاناما يېزىلىرىدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئەڭ تەنتەنىلىك ئەنئەنىۋى بايرام بولۇپ، بۇ كۈنلىرى پانامالىقلار ناخشا ئېيتىپ مىللىي ئۇسسۇل ئوينايدۇ. بۇقا سوقۇشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش ۋە باشقا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. پانامالىقلار قىزغىن، مېھماندوسىت كېلىدۇ. ئەرلىرى ئۆزئارا ئۇچراشقاندا قول بېرىپ كۆرىشىدۇ، بىر - بىرىنى <ئەپەندى> دەپ ئاتىشىدۇ. ئەر - ئايال دوستلار يەنە قۇچاقلىشىپ، بىر - بىرىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
پانامالىقلار | UyghurWiki | UyghurWiki