فۇتاجالونلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
فۇتاجالونلار <فۇتاجالونكىلار>، <پېئوللار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فۇتاجالونلار فۇلبېلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، گۋىنىيىدىكى ئەڭ چوڭ قەبىلە - قوۋملارنىڭ بىرى، ئۇلار ئاساسەن فۇتاجالون ئېگىزلىكى رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 1 مىليون 900 يۈز مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 9.24 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
فۇتاجالونلار بەربەر بىلەن سۇدان نېگىر شالغۇت ئىرقىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى ئاتلانتىك ئوكيان تىلى تارمىقىغا تەۋە فۇلبې تىلىنى قوللىنىدۇ.
فۇتاجالونلارنىڭ ئەجدادلىرى ئافرىقىدىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر بولۇپ، ⅩⅥ ئەسىردە گىۋىنىيە تەۋەسىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ⅩⅦ - ⅩⅧ ئەسىرلەردە فۇتاجالون پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلىپ، بۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
فۇتاجالونلار ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
فۇجالونلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ. روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق ھېيت ئايەملىرىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ.
فۇتاجالونلاردا ئەر ئاز، ئايال كۆپ بولۇپ، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. قول ئىلكىدە بار ئەرلەرنىڭ ئادەتتە 10 نەچچە خوتۇنى بولىدۇ.
فۇجالونلاردا يىگىت - قىز توي مەرىكىسى كۈنى قىزنىڭ ئاتىسى يىگىتكە قامچا سوۋغا قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى <مەن قىزىمنى ساڭا ساق - سالامەت تاپشۇردۇم، ناۋادا قىزىم ساڭا تۇتۇق بەرمەي، ساياقلىق قىلسا ئۇنى باشقۇرىدىغان قامچىنىمۇ بەردىم> دېگەن بولىدۇ. يىگىت قامچىنى قېينئاتىسىنىڭ قولىدىن ئېلىپ قامچىنى نەچچە رەت سۆيۈپ قويىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ ئۆيىنىڭ تۇرىسىغا ئېسىپ قويىدۇ. بۇ ئەرنىڭ ئائىلىسىدە تەڭداشسىز ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.