نىلوتلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
نىلوتلار <نىلولار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نىلوتلار شەرقىي شىمالىي ئافرىقا بىلەن شەرقىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى نېگىر مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى، نىلوتلار ئاساسەن نىل دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بىلەن تارماق ئېقىنى ۋادىلىرىدىن ۋىكتورىيە كۆلىگىچە بولغان جايلاردا يەنى سۇدان (4 مىليون 700 مىڭ)، كېنىيە (4 مىليون 300 مىڭ)، ئۇگاندا (3 مىليون 400 مىڭ)، تانزانىيە (450 مىڭ)، زايىر (360 مىڭ)، مىسىر (220 مىڭ)، ئېفىئوپىيە (300 مىڭ) قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، نوپۇسى 15 مىليوندىن كۆپرەك.
نىلوتلار نېگىر ئىرقى سۇدان (نىلوت) تىپىغا كىرىدۇ. نىلوتلارنىڭ بويى ئېگىز بولۇپ <گىگانت كىشلەر> دەپ نامى بار.
نىلوتلار نىلوت سەھرا تىللىرى سىستېمىسى شارى - نىلوت تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە نىلوت تىلىنى قوللىنىدۇ.
نىلوتلارنىڭ كۆپىنچسى ئىپتىدائىي ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىلىرى ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت ئارىلاشما ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
نىلوتلار ئومۇمەن كالا سۈتى بىلەن ئاشلىقنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىدۇ، شۇڭا كالا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.