UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرتاجىكلار

تاجىكلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر تاجىكلار ئاففانىستان بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، جۈملىدىن ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 8 مىليوندىن كۆپرەك. تاجىكلارنىڭ 3 مىليوندىن كۆپرەكى ئاففانىستاننىڭ ھېرات بوستانلىقى، بەدەشقان ۋە ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي باغرىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ 3 مىليون 300 مىڭى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 63 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قالغان قىسمى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، روسىيە، ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (33 مىڭ)، پاكىستان، ئىران، ھىندىستان، كەشمىر، بېنگال قاتارلىق ئەللەر ۋە رايونلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. تاجىكلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسى شەرقىي ئىران تىلى تارمىقىغا تەۋە تاجىك تىلىنىڭ تۆت چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، بۇتىل دەررىي (پارس) تىلىغا يېقىن. ئېلىپبەلىك مىللىي يېزىقى بار. ئاففانىستان تاجىكلىرى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، قالغانلىرى شىئە مەزھىپىگە، ئاز قىسمى ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىراق تاجىكلاردا دىنىي پائالىيەت ئانچە كۆپ بولمايدۇ. تاجىكلارنىڭ تۈزلەڭلىك - بوستانلىقلاردىكىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تاغلىق جايلىرىدىكىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تاجىكلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى مىلادىدىن ئىلگىركى Ⅹ ئەسىرلەردە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن شەرقىي ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئارىئان قەبىلىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى سۇغدىلار، توخارلار، خارەزىملەر، فەرغانىلار، ساكلار، باكتىرىيىلەر ۋە تۈركلەر قاتارلىق قەبىلە - قوۋملارنىڭ قىسمەن ئېتنىك تەركىبىنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدىنپەي Ⅸ - Ⅹ ئەسىرلەردە بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە دۆلەت قۇرغان. ئومۇمەن تاجىكلار ئادەتتە قېتىق، پىشلاق، قۇرت، قېمىز، قايماق ۋە سېرىق ماي قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۈچ ۋاق ئەتكەن چاي ئىچىدۇ. تاجىكلار خۇشخۇي ۋە چاقچاقچى كېلىدۇ؛ ئۇلار بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سالام سائەتتىن كېيىنلا گەپنى چاقچاق بىلەن باشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەننىۋاسى نەغمە - ناۋا ۋە چاقچاق ئىچىدە ئۆتىدۇ. تاجىك يىگىت - قىزلىرىنىڭ تويى ئادەتتە ئاتا - ئانىلىرى ۋە چوڭلارنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىشى، مەسلىھەتى ۋە رازىلىقى بىلەن بولىدۇ. تاجىكلاردا ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ. تاجىكلارنىڭ ھېيت - ئايەملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، روزا ھېيىت، قۇربان ھېيت قاتارلىق دىنىي ھېيىت - بايراملىرىدىن باشقا شاۋگۇن باھار (نورۇز)، پىلىك ھېيت (بارات)، تېغىم زوۋاسىت (تېرىلغۇ)، زۇۋۇر (سۇ باشلاش) ۋە مەھۇرگان (مول ھوسۇل) قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار. تاجىكلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت بولۇپ، مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە. تاجىكلار تارىخىدا جەپپار رۇداكى، ئىبنى ئەھمەد بىرونى، ئەبۇ سەئىد گەردىزى، ناسىرخىسراۋ، جالالىدىن نۇرىددىن، ئابدۇراخمان جامى، كامال خوجەندى ۋە جۇۋەينى قاتارلىق مەشھۇر مۇتەپپەككۇرلار ۋە ئەدىبلەر ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار دەرى يەنى پارس - تاجىك تىل - يېزىقى بىلەن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ تاجىك يازما ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەسسە قوشقان. تاجىكلار ئاق ئۇننى ۋە تۇزنى بەكمۇ ئەزىزلەپ، ئۇنى پاك - ساپلىق ۋە بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدۇ. تاجىكلار ئەدەب ئەخلاقلىقنى ۋە قائىدە يوسۇنلۇقلىقى بىلەن داڭلىق. تاجىكلاردا ئادەتتە تەڭتۇش ئەرلەر ئۇچراشقاندا بىر - بىرىگە قول بېرىپ كۆرۈشۈپ ئاندىن قولىنىڭ كەينىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ تەڭتۇش ئاياللار ئۇچراشقاندا بىر - بىرى بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ئاندىن مەڭزىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ كىچلەر چوڭلار بىلەن ئۇچراشقاندا چوڭلارنىڭ ئالقىنىغا سۆيۈپ قويىدۇ، چوڭلار كىچىكلەرنىڭ مەڭزىگە ياكى پېشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ بىراق ياتلىق بولغان قىزلار بىلەن كېلىنچەكلىرىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈشكە بولمايدۇ. تاجىكلار چوڭلارنى، ئاتا - ئانىلىرىنى بەكمۇ ھۈرمەتلەيدۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەيدۇ، سۆزىنى بۆلىۋەتمەيدۇ، تۇرمۇشتا ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ؛ كىشلەر ئارا جېدەل - ماجرا ۋە غەيۋەت - شىكايەت كەم ئۇچرايدۇ، ئىناق ئۆتۈپ، بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىدۇ. تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئىچىدە، ھەرخىل پۇرۇچ - قوراقلاردىن تىكىلگەن يوتقان - كۆرپە پەردىلىرى، ياستۇق، قاچا - قۇچا قېپى ۋە ھەر خىل كەشتىلىك كىيىم - كېچەكلىرى قويۇق يەرلىك مىللىي پۇراققا ئىگە بولۇپ، بۇنى ئاساسەن ئاياللار قىلىدۇ. تاجىكلاردا بوۋاقنىڭ تۇغۇلىشىنى زور خوشاللىق ئىش دەپ بىلىدۇ، ئوغۇل تۇغۇلسا ئۈچ پاي ئوق ئېتىپ بۇۋاقنىڭ باتۇر، قەيسەر ئادەم بولۇشىنى تىلەيدۇ، قىز تۇغۇلسا بېشىغا بىر سۈپۈرگە قويۇپ، قىزنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى كېلىپ، بۇۋاقنىڭ بەدىنىگە ئاق ئۇن چېچىپ بەخت تىلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر