بېلۇجلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بېلۇجلار پاكىستان ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ياشىغۇچى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. بېلۇجلار ئاھالىسىنىڭ 71 پىرسەنتى پاكىستاننىڭ بېلۇجىستان، سىندى ۋە پەنجاپ ئۆلكىلىرىدە (2 مىليون 500 مىڭ)، 23 پىرسەنتى ھىندىستان، ئىراننىڭ شەرقىي، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىي ۋە ئاففانىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى كەڭ كەتكەن رايونلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىليوندىن كۆپرەك. بۇنىڭدىن باشقا ئومۇمەن، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركمەنىستاندىمۇ ئاز ساندا بېلۇجلار بار.
بېلۇجلار ياۋرۇپا ئىرقىنىڭ ئىران تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بېلۇج (قەدىمكى پارس) تىلىنى قوللىنىدۇ، بىر قىسمى سىندى ياكى پەنجاپ تىلىنى قوللىنىدۇ.بېلۇجلار ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان بېلۇجلار دېھقانچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلىدۇ؛ چۆل - جەزىرە ۋە تاغلىق رايۇنلاردىكى بېلۇجلار كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساس، دېھقانچىلىقنى قوشۇمچە قىلىدۇ، چارۋىچىلىقتا كالا، قوي ۋە تۆگە باقمىچىلىقى ئاساس قىلىنىدۇ؛ بېلۇجلارنىڭ بىر قىسمى كارۋانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
بېلوجلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندا ئىراننىڭ شىمالىدىكى كاسپى دېڭىزى ئەتراپى ۋە كىرمان، شىستان ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشاپ كەلگەن، كېيىن ئېفتالىتلار، سالجۇق تۈركلىرى، مۇڭغۇللارنىڭ بېسىپ كىرىشى تۈپەيلىدىن Ⅹ -ⅩⅤ ئەسىرلەردە جەنۇب تەرەپكە سىلجىپ، كىرمان، ماكلان، خۇراسان، شىستان، سىند ۋە پەنجاپ ئارقىلىق بېلۇجىستانغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.
بېلۇجلار مېيىتنى شۇئان دەپنە قىلىدۇ، قەبرە ئۈستىگە قۇرۇق ئوتۇن دۆۋىلەپ قويىدۇ، شۇكۈنى ھىچقانداق مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ قوشنا - قۇلۇملىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ھال سوراپ كېلىدۇ، قارىلىق سۇندۇرۇپ سوۋغات تەقدىم قىلىدۇ.
بېلوجلار ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە قۇملۇق رايوندىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇلار ئات مىكنىشكە ماھىر، قەيسەر كېلىدۇ.
بېلۇجلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم قاتارلىق قائىدە - يوسۇنلىرى ئىسلام دىنى ئېھكامى بويىچە بولىدۇ. بىراق بېلوجلار بالا تۇغۇلۇپ 1 - 2 ياشقا كىرگەندە سۈننەت قىلىدۇ، سۈننەت تويىغا 10 ياكى 12 ئەر بىر بولۇپ، بىر تۇياق قوچقارنى ئېلىپ كېلىپ سويۇپ، سۈننەت تويى ئۆتكۈزىدۇ. سۈننەت تويىغا قاتناشقان ئۇرۇق - تۇغقان ۋە قان - قېرىنداشلىرى سوۋغات ئېلىپ كېلىدۇ.