UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربېنگاللار

بېنگاللار

دۇنيادىكى مىللەتلەر بېنگاللار جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىدىكى بېنگال ۋە ھىندىستاندا يشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 165 مىليون 800 مىڭ. بېنگاللار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بېنگال تىلىنى قوللىنىدۇ، سانسىرىت ئىلپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. بېنگاللارنىڭ بېنگالدا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. ھىندىستاندا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىسىنىڭ 12 پىرسەنتى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بېنگاللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى (80 پىرسەنتى) دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاساسەن شال، ئەنبەر قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ، بېنگاللارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، دودا ئىشلىرىمۇ بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. بېنگاللارنىڭ ئەجدادلىرىنى مەلۇم بىر ياكى ئىككى مەنبە دەپ ئېيتىش قىيىن. ئومۇمەن ھازىر بېنگاللار ئولتۇراقلاشقان زېمىنغا نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن باشقا جايلاردىن سانسىزلىغان مىللەت - قوۋملار كۆچۈپ كىرىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار ئۇزاق ۋاقىت بىرگە ياشاپ، ئۆزئارا قوشۇلۇپ پەيدىنپەي ھازىرقى بېنگال مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن، شۇڭا بېنگاللارنى ئارلاشما قان مىللەت دېيىشكە بولىدۇ. شەھەردە ئولتۇراقلاشقان بېنگاللار ياقىسىز كەڭ يەكتەك كېيىپ، ئەن رەخت ياكى يىپەك چايشاپ ئارتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئاياللىرى ئۇچىسىغا سارى ئارتىپ، چېچىنى بانتىلاپ گۈل قىسىۋالىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى بېنگاللار مېيتنى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ؛ ھىندى دىندىكىلىرى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ. بېنگاللاردا يىگىت - قىزنىڭ توي مەرىكىسى ئادەتتە قىز تەرەپتە ئۆتكۈزىلىدۇ. ئەنئەنىۋى توي مەرىكىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى يىگىتتىن توي تارتۇقى ئېلىش بولۇپ، بۇنى بېنگال تىلىدا<دەرشانى> دەپ ئاتايدۇ. مەرىكە كۈنى قىز تەرەپنىڭ ھويلا - ئارام ۋە ئۆيلىرى ئالاھىدە بېزىلىپ، رەڭگارەڭ پانۇس - چىراقلا ئېسىلىدۇ، بالىلار ئايەملىك كىيىم - كېچەكلىرىنى كېيىپ، دەرۋازا ئالدىدا، توي كۆچۈرۈشكە كېلىدىغان يىگىت تەرەپنىڭ قوشۇنىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار يېتىپ كېلىش بىلەنلا بالىلار يىگىتنى ئورىۋېلىپ <دەرشانى>،<دەرشانى> دەپ سۈرەن - چوقان كۆتۈرىدۇ، يىگىتنى بىر قەدەممۇ ماڭغۇزمايدۇ، ئاخىرى يىگىت تەرەپ بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ توپ ئارىسىغا چاچقاندىن كېيىن ئاندىن يىگىتنى قورو ئىچىگە كىرگۈزىدۇ. بېنگاللار نابارشا بايرىمى،يېڭى گۈرۈچ بايرىمى ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىرى روزى ھېيىت، قۇربان ھېيىت قاتارلىق ئەنئەنىۋى دىنىي بايراملىرىنى بىر قەدەر داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. بېنگاللار چوڭلار، مويسىپىت كىشلەر ئالدىدا ئەسنىمەيدۇ، چۈشكۈرمەيدۇ ھەم يەرگە تۈكۈرمەيدۇ، تاماكا چەكمەيدۇ، باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتمەيدۇ، قاقاقلاپ كۈلمەيدۇ، ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن سۆزلىمەيدۇ. بېنگاللار تاماق ئۈستىدە پاراڭلاشمايدۇ، ئۆيگە كەلگەن مېھماننى ساھىپخان ئىشىك ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋالىدۇ ھەم ئۇزۇتۇپ قويىدۇ. بېنگاللارنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى خېلىلا تەرەققىي تاپقان، بېنگال يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى مالىك مۇھەممەد جاياسى (1493 - 1542)، يېقىنقى زامان بېنگال ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى بانكىم چاندرا چاتتېرجيې (1828 - 1894) بىلەن سارادچاندرا چاتتېرجيې (1876 - 1938) دىراماتۇرگ دىناباندخومتىرا(1829 - 1874) بىلەن چاندرا (1850 - 1885)، شائىر نەزرۇل ئىسلام (1899 - 1976) قاتارلىق كىشلەردۇر. بېنگاللاردا مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 74 پىرسەنتىنى ساۋاتسىزلار ئىگىلەيدۇ. بېنگاللار نىلۇپەر گۈلىنى ساپلىق - دىيانەت ۋە گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، شۇڭا يىگىتلەر قىزلارغا نىلۇپەر گۈل دەستىسى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىدۇ. بېنگاللارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئوخشاش بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، كىشلەرنىڭ ئىسىم فامىلىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئومومەن مۇسۇلمانلىرى ئەرەبچە ياكى پارىسچە ئىسىم - فامىلە قوللىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ، مەسلەن: ھۈسەيىن مۇھەممەدئېرشادنىڭ بىرىنچى بۆلىكى ئىسلام ساھابىلىرىنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى، ئىككىنچى بۆلىكى ئۆزىنىڭ ئىسمى، ئۈچىنچى بۆلىكى فامىلىسى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر