ئىندىئانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئىندىئانلار ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرىدە ياشىغۇچى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، <ئامېرىكا ئىندىئانلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نوپۇسى ئارىلاشما قان سىستېمىسىدىكىلەرنى قوشقاندا تەخمىنەن 40 مىليوندىنن كۆپرەك. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى (17 مىليوندىن كۆپرەكى) لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىدە، بىر قىسمى (9 مىليوندىن كۆپرەكى) مېكسىكا قاتارلىق شىمالىي ئامېرىكا ئەللىرىدە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مېكسىكىدا پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 12 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. پېرۇدا يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.
ئىندىئانلار موڭغۇل ئىرقى ئىندىئان تىپىغا كىرىدۇ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا توققۇزدەك ئىندىئان تىللىرى سىستېمىسىنىڭ نەچچە ئون تىللار گۇرۇپپىسىغا تەۋە 583 خىل ئىندىئان تىللىرىنى قوللىنىدۇ. بۇ تىللارنى قوللىنىددىغانلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 18 مىليون، بەزى قەبىلىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپىنچىلىرىنىڭ يېزىقى يوق، ھازىر كۆپىنچىلىرى ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە ئىنگىلىز، ئىسپان، فرانسۇز ۋە پورتۇگال تىللىرى بىلەن يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
ئىندىئانلار ئەسلىدە شامانىزم، توتېم، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇز قاتارلىق خىلمۇ خىل ئىپتىدائىي دىنلارغا چوقۇنۇپ كەلگەنىدى، ھازىر ئىندىئانلاردىن لاتىن ئامېرىكىسىدا ياشايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، شىمالىي ئامېرىكا ئەللىرىدە ياشايدىغانلىرى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئىندىئانلاردا ئومۇمەن بەدەنگە قەبىلە توتېملىرى، خىلمۇ خىل كۆرۈنۈشلەرنى چېكىۋېلىش، قارا، يېشىل، كۆك بوياق بىلەن ئۈسىتى - بېشىنى بويىۋېلىش، قۇلاق، بۇرۇن، كالپۇك، قول - پۇتلىرىغا كۈمۈشتىن ياسالغان سىرغا ۋە باشقا زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېسىۋېلىش ئادىتى بار.
ئىندىئانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان قۇياش بايرىمى ئىندىئانلارنىڭ ئورتاق بايرىمى ھېسابلىنىدۇ.
مېكسىكا قاتارلىق شىمالىي ئامېرىكىدا ياشىغۇچى ئىندىئانلار يېڭى يىل ھارپا ئاخشىمى گۈلخان كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. كىشلەر بېشىغا نىقاپ، ئۇچىسىغا ئاق كۆڭلەك كېيىپ، قول تۇتۇشۇپ، گۈلخاننى چۆرىدەپ، بىر تەرەپتىن ئۈنلۈك چۇقان كۆتىرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن پۇخادىن چىققۇچە ئۇسسۇل ئوينايدۇ، جاڭ ئۇرۇلۇپ سائەت 12 بولغاندا، يىگىتلەر قىزىل شارنى ئېگىز تۈۋرۈككە ئاسىدۇ، ئاندىن ھەممەيلەن <قوياش كۆتۈرۈلدى!> <خاسىيەتلىك يېڭى بىر يىل يېتىپ كەلدى!> دەپ تەنتەنە قىلىشىدۇ، ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىشىدۇ.
شىمالىي ئامېرىكا ئىندىئانلىرى بۈركۈتنى كۈچ - قۇۋۋەت، ئەقىل - پاراسەتنىڭ سىمۋولى، كېپىنەكنى ئىشقىي - مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى، زەھەرلىك موگۇنى نىجاتلىق سىمۋولى دەپ قارايدۇ.
ئىندىئانلاردا فامىلە بولمايدۇ.
ئىندىئانلاردا بالا تۇغۇلۇپ بالاغەتكە يەتكىچە ئۈچ ئىسىم قويۇلىدۇ؛ بىرىنچى ئىسمى بوۋاق تۇغۇلۇش بىلەن قويۇلىدۇ، بۇ <سۈت ئىسمى> دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل ئىسىم بوۋاقنى دەريادا يۇيۇندۇرۇپ ئۆيىگە قايتىشىدا ئۇچرىغان نەرسىنىڭ نامى ياكى ئاۋازى ئاڭلانغان جانىۋارنىڭ ئىسمى بىلەن قويۇلىدۇ. ئىككىنچى ئىسمى ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى قويغان ئىسىم بولۇپ، ئۇ مەلۇم مەنە بېرىدۇ؛ ئۈچىنچى ئىسمى جەڭگە قاتناشقاندىن كېيىن، كۆرسەتكەن خىزمىتىگە قاراپ قويۇلغان ئىسىم بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ رەسمىي ئىسمى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇ خىل ئىسىم پۈتۈن قەبىلە - قوۋم ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قەبىلە ئاقساقىلى تەرىپىدىن قويۇلىدۇ.
ئىندىئانلار ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرىگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقتىن ئۇلارنىڭ نىكاھ، توي - تۆكۈن ئادەتلىرى ئوخشىشپ كەتمەيدۇ.
ئۇلاردا نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەھۋاللىرى كەم ئۇچرايدۇ.