باكونگولار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
باكونگولار ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىر بولۇپ، بەزىدە <كونگولار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باكونگولارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 7 مىليون 600 مىڭدىن كۆپرەك. ئۇنىڭ 7.73 پىرسەنتى (4 مىليون 500 مىڭ) زايىردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، زايىر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 16 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، 5.14 پىرسەنتى ئانگولا (850 مىڭ) دا، 11 پىرسەنتى كونگو (760 مىڭ) دا، ئاز قىسمى ئۇگاندا، گابون قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
باكونگولار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، ئۆز ئىچىدىن شىكونگو، ھونگۇ، مىبامبا، مىباتا، مپانگو، كاكانگو، نزومبا ۋە سورۇنگو قاتارلىق 20 نەچچە تارماققا بۆلۈنىدۇ.
باكونگولار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ بېنوئىي - كونگو تىللىرى تارمىقىغا تەۋە كونگو تىلىنى قوللىنىدۇ؛ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
باكونگولارنىڭ بىر قىسمى ئانىمىزم ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىلىرى ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىق قوشۇمچە بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا مانىخوت، كۆممىقوناق، شال، قەھۋە، بانان، كوكۇس ۋە كاكائو قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ زىرائەتلىرى ئۆستۈرلىدۇ. توقۇمچىلىق، ياغاچ ئويمىچىلىقى قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە.
باكونگولار ئىچىدە ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، ئادەتتە نەسەب ئاتا جەمەتكە قاراپ ھېسابلىنىپ، مال - مۈلۈككە ۋارىستلىق قىلىنىدۇ، باكونگولار ئىچىدە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
بانكوگولارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ئاسانتىلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
باكونگولار مول مىللىي مۇزىكا ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت بولۇپ، ئافرىقىدا خېلى داڭقى بار.