دەيزۇلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
دەيزۇلار ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئۆزلىرىنى <دەيلەر> دەپ ئاتايدۇ. ئولتۇراقلاشقان رايونىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، شىشۇاڭبەننادىكىلەر ئۆزىنى <دەيلىلەر> مىڭليەن، گېڭمادىكىلەر ئۆزلىرىنى <دەينالار> ياكى <دەييالار>، يۈەنجياڭ دەرياسى ۋادىسدىكىلەر ئۆزلىرىنى <گۈللۈك بەلباغلىق دەيلەر> قاتارلىق كۆپ خىلل ناملار بىلەن ئاتايدۇ. دەيزۇلار ئاساسەن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستى مىڭلىيەن، گېڭما ۋە يۈەنجاڭ ئاپتونۇم ناھىيىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى بىر مىليوندىن كۆپرەك.دەيزۇلار خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى جۇاڭ - دۇڭزۇ تىللىرى گۇرۇپپسى، جۇاڭ - دەيزۇ تىللىرى تارمىقىغا تەۋە دەيزۇ تىلىنىڭ ئۈچ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ.
دەيزۇلارنىڭ ئەسلىدە ھىندى (سانسىكرت) ئېلىپبەسى سىستېمىسىغا كىرىدىغان ئېلىپبەلىك تۆت خىل يېزىقى بار ئىدى. بۇ يېزىق 1954 - يىلى ئىسلاھ قىلىنىپ ھازىر قوللىنىۋاتىدۇ.
دەيزۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇددا دىنى ھىنايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. شۇڭا بۇ دىن دەيزۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، گۈللۈك بەلباغلىق دەيزۇلار كۆپ ئىلاھلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
دەيزۇلار ئاساسەن يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دەيزۇلار ئولتۇراقلاشقان جايلار تىروپىك ۋە سوپتروپىك بەلباغقا تەۋە بولۇپ، <توزنىڭ يۇرتى> دەپ داڭقى بار.
دەيزۇلارنىڭ ئەجدادلىرى <دىيەنيۆلەر>(يۈننەن يۆلىرى) بىلەن <شەنلەر> بولۇپ مىلادىدىن ئىلگىركى 1 ئەسىردىن تارتىپلا، خەنزۇچە تارىخنامىلاردا <دىيەنيۆ>،<دەن>،<جىنچى>،<يىنچى>،<شيۇمىيەن>،<بايى> دېگەندەك ناملار بىلەن قەيىت قىلىنغانىدى، دەيزۇلار قەدىمكى <بەييۆلەر> گە تەۋە بولۇپ، جۇاڭزۇ، بۇيىزۇ، دۇڭزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن ئورتاق ئېتنىك مەنبەگە ئىگە.
دەيزۇلار دەپنە ئىشلىرىدا بۇرۇن جەسەتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلاتتى. ھازىر مېيتنى يەرگە كۆمىدۇ، بىراق قەبرە بولمايدۇ. بەزى جايلاردا مېيتنى سۇغا تاشلىۋېتىدۇ. نەزىر - چىراق قىلمايدۇ، لېكىن گۈللۈك بەلباغلىق دەيزۇلاردا دەپنە مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىلىدۇ.
دەيزۇلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت بولۇپ، ئۆزگىچە مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى 30 نەچچىگە يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە دەيزۇ خەلقىنىڭ يېڭى يىل يەنى سۇ چېچىش بايرىمى، ئىشىك تاقاش ۋە ئىشىك ئېچىش بايرىمى، گۈل بازىرى قاتارلىق بايراملىرى بار.
دەيزۇلار مول خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە. ئۇ ناخشا - قوشاق، داستان، مەسەل قاتارلىق ژانىرلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئىشقى مۇھەببەت مەزمۇنىدىكىلىرى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە <جاۋشۇتون بىلەن نەنمۇنۇنا>،<بۇساڭگەي بىلەن ياساڭگەي>، <ئوبىن بىلەن ساڭلو> قاتارلىق ئىپىك داستانلىرى مەشھۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئېلىمىزدە دەيزۇلارنىڭ <قوشاقچى مىللەت> دەپ نامى بار.
دەيزۇلارنىڭ يازما تارىخىي ھۆججەتلىرىدىن <لېلار تارىخى> ناملىق ئۈچ جىلدلىق دەيزۇ يېزىقىدا يېزىلغان تارىخىي كىتابى ۋە دىن، پەلسەپە، تارىخ، يىلنامە قاتارلىقلارغا ئائىت يازما ھۈججەتلىرى بار.
دەيزۇلار باشقىلانىڭ مال - مۈلكىگە قارا سانىمايدۇ. شۇڭا سىرتقا چىققاندا ئىشىك - دەرىزىلىرىنى تاقىمايدۇ. بۇ، دەيزۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىسىدىن تارتىپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان گۈزەل ئەخلاق ۋە ئەنئەنىسى ھېسابلىنىدۇ. دەيزۇلار ئۆي ئىچىدە تىرناق ئېلىشنى، ئىسقىرتىشنى ۋە قازان - قۇمۇچ، ئوچاقتىن ئاتلاپ ئۆتۈشنى يامان كۆرىدۇ، بولۇپمۇ چاي چۆگۈنىنى مۇقەددەس بىلىدۇ.
دەيزۇلار يات كىشلەرنىڭ ئاتلىق يېزا - كەنتكە كىرىشىنى، ئادەتتە كىيىم - كېچەكلەرنى ياستۇق ئورنىدا بېشىغا قويۇپ يېتىشنى، ئاياللارنىڭ ئىچكى كىيىم - كېچەكلىرىنى ئېگىز جايغا يېيىپ قۇرۇتۇشنى، ئىبادەتخانىلارغا ئاياق بىلەن كىرىشنى، قەبرىستانلىقتىكى دەل - دەرەخلەرنى كېسىپ ئىشلىتىشنى، يېزا كەنت ئەتراپىدىكى <ئىلاھ دەرەخ> لىرى ئەتراپىغا چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىشنى ياكى ئۇنىڭغا ئات - ئۇلاغ باغلاپ قويۇش قاتارلىقلارنى ئېغىر ئالىدۇ.
دەيزۇلار بۇددا دىنىنىڭ ھىنايا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغاچقا، دىندا بەلگىلەنگەن پەرھىزلىرىنى بىجا كەلتۈرىدۇ ۋە ئەمىر - مەرۇپلىرىغا رىئايە قىلىدۇ. دەيزۇلار مۇناخلارنىڭ بېشىنى تۇتۇشنى، ئۇلارنىڭ ئىزىغا دەسسەشنى، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بۇدخانىغا كىرىشىنى مەنئىي قىلىدۇ.
دەيزۇلار ئەنئەنىۋى مىللىي تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئىچىدە ئەجدەرھا قولۋاق مۇسابىقىسى مەشھۇر.
دەيزۇلار پىل بىلنە توزغا ئالاھىدە چوقۇنىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئۆزىگە سىمۋول قىلىدۇ، بۇ ئۇلاrنىڭ ئېغىز ئەدەدبىياتى، سەنئىتى ۋە ھۈنەر سەنئىتىدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.