UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرپەنجابلار

پەنجابلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر پەنجابلار پاكىستان، ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، جۈملىدىن دۇنيا بويىچە نوپۇسى 50 مىليوندىن كۆپ توققۇز مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئاھالىسىنىڭ 3.75 پىرسەنتى پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسىدە (50 مىليون 300 مىڭ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار پاكىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 63 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قالغانلىرى ھىندىستاننىڭ خارياتا ھەمدە پەنجاپ شىتاتىدا(20 مىليون 700 مىڭ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 82 مىليون. پەنجابلار موڭغۇل ئىرقى قان سىستېمىسى ئارىلاش ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى - ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسى ھىندى تىلى تارمىقىغا تەۋە بولغان پەنجاب تىلىنى قوللىنىدۇ، بىر قىسمى ھىندى، لاخدا ۋە ئوردۇ تىللىرىنىمۇ قوللىنىدۇ، پاكىستان پەنجابلىرى ئىسلام دىنىغا، ھىندىستان پەنجابلىرى ھىندى دىنى بىلەن سىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پەنجابلار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق، توقۇمىچىلىق، گىلەمچىلىك، كۇلالچىلىق، سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. پەنجاب شىتاتى ھىندىستاننىڭ ئاساسلىق دېھقانچىلىق رايونى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ <ئاشلىق ئامبىرى> دەپ نامى بار. پەنجابلار ئاساسەن قەدىمكى يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن كېيىن كەلگەن ئارىئانلار، موڭغۇللار، ساكلار، جاتلار، راجاستانىلار ئىچىدىكى راجىپۇتلار، گۇجار، ئاففانلار، ئەرەبلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن پەيدىنپەي شەكىللەنگەن مىللەت بولۇپ، تارىختا ئارىئانلار، سىكىفلار، ھۇنلار، ساكلار ۋە ئەرەبلەر، موڭغۇللارنىڭ ئېتنىك تەركىبى پەنجابلارنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. پەنجابلار ئاساسەن بۇغداي ئۇنىدىن قىلىنغان غىزا بىلەن سېرىق ماي ۋە ماش، قاتۇرماچ قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىدۇ، بىراق تاغلىق رايوندىلىرى كۆپرەك گۈرۈچ غىزالىرى بىلەن سېرىق ماي، سۈت ۋە قېتىق قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، ئادەتتە سىپارى سېغىزى چايناپ يۈرۈش ئادىتى بار.پەنجابلارنىڭ ئەرلىرى كىيىم - كېچەككە ئانچا ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، بىراق ھېيىت - ئايەم، توي - تۆكۈنلەردە يىپەكتىن تىكىلگەن گۈللۈك مىللىي كىيىم - كېچەكلىرىنى كېيىشىپ، بېشىنى ياغلىق بىلەن ئورىۋالىدۇ، پەنجاپ ئاياللىرى كەڭ پۇشقاقلىق ئىشتان، كۆڭلەك كېيىپ، ئۈستىگە سارى ئارتىۋالىدۇ؛ شەھەردىكىلىرىنىڭ ئەرلىرى <سارۋار> دەپ ئاتىلىدىغان ئاق يەكتەكسىمان كىيىمنىڭ ئۈستىگە كاستيۇم كېيىپ بېشىنى ياغلىق بىلەن ئورىۋالىدۇ، قىش كۈنى بېشىغا <جىنناخ> دەپ ئاتىلىدىغان تۇماق كېيىۋالىدۇ. پەنجابلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ئۆزئارا ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، مۇسۇلمانلىرى (ئاساسەن پاكىستاندىكىرى) ئەرەبلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، روزا ھېيىت، قۇربان ھېيىت، مەۋلۇد ۋە يېڭى يىل (مۇھەررەم بايرىمى) قاتارلىق ھېيىت - بايراملىرىنى ئۆتكۈزىدۇ؛ ھىندى دىندىكىلىرىنىڭ بەيساقا بايرىمى (مىلادى 3 - 4 - ئايلاردا ئۆتكۈزىلىدۇ)، پابۇس (چىراق) يېقىش بايرىمى (مىلادى 10 - 11 - ئايلاردا ئۆتكۈزىلىدۇ)ۋە ئىلاھنى ئۇزۇتۇش بايرىمى (مىلادى 9 - 10 - ئايلاردا ئۆتكۈزىلىدۇ)، بېخو بايرىمى (ھىندى كالېندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزىلىدۇ). پەنجاب ھىندىستاننىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، پەنجابلىقلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ خەلق ناخشا ئۇسسۇللىرىنىڭ ھىندىستاندا خېلىلا داڭقى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
پەنجابلار | UyghurWiki | UyghurWiki