مولداۋىيانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
مولداۋىيانلار مولداۋىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت. ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون 240 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، ئۇنىڭ 2 مىليون 568 مىڭى مولداۋىيە جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 9.63 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئاز قىسمى ئوكرائىنا، روسىيە فېدېراتسىيىسى قاتارلىق جايلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا، ئامېرىكا ئەللىرىدىمۇ نەچچە يۈز مىڭ مولداۋىيان كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. مولداۋىيانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ شەرقىي ياۋروپا ياكى بالقان - كاۋكاز تىپىغا كىرىدۇ؛ ئىرق ۋە تىل قاتارلىق جەھەتلەردە رۇمىنىيىلىكلەر بىلەن يېقىنلىق مۇناسىۋىتى بار. مولداۋىيانلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپسىغا تەۋە، مولداۋان تىلىنىڭ تۆت خىل دىئالېكتنى قوللىنىدۇ. بۇ تىل رۇمىنىيە تىلى بىلەن ئوخشىشپ كېتىدۇ، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. مولداۋىيانلار پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مولداۋىيانلار ئاساسەن يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مولداۋىيىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلىرى كۆممىقوناق، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ، ئوتتۇرا قىسمىدىكىلىرى ئۈزۈمچىلىلكنى ئاساس قىلغان باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، مولداۋىيىنىڭ ئەتىر مېيى ياۋروپاغا داڭلىق.
مولداۋىيانلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى ئۆي جايلىرى، يېزىلىرىدا كېسەك ۋە ياغاچ بىلەن سېلىنىپ ئۈستى سامان چۆپلەر بىلەن يانتۇ قىلىپ يېپىلغان بالىخانلىق ئىككى قەۋەت چاسا شەكلىدە بولىدۇ.
مولداۋىيانلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىغا ئۆزى توقىغان رەختتىن رىم پاسونىدىكى ئاق نىمچە (پەرىجە) كېيىپ بېلىنى گۈللۈك پوتا بىلەن باغلىۋالىدۇ، ئۈستىگە قىسقا كەمزۇل كېيىدۇ، بېشىغا ئۇچلۇق تۇماق كېيىدۇ، ئاياللىرى ياقا، يەڭ ۋە كۆكرەك قىسمى كەشتىلىك يوپكا ياكى كۆڭلەك كېيىدۇ، خىلمۇ خىل زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايدۇ. مولداۋىيانلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي غىزاسى <مامالىگا> دەپ ئاتىلىدىغان كۆممىقوناق غىزاسى بولۇپ، ئۇنى بولكا بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىدۇ.
مولداۋىيانلارنىڭ توي مەرىكىسى كۆپرەك كۈز پەسلىدە ئۆتكۈزىلىدۇ، يېزىلىرىدا توي مەرىكىسىگە خۇلۇم - قوشنا ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەكلىپ قىلىدۇ، توي مەرىكىسىدە يىگىت بىلەن قىز ئاتا - ئانلىرىغا بولغان ھۈرمىتى ۋە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئالدى بىلەن تازىم قىلىدۇ، توي مەرىكىسى كۆپ ھاللاردا <بەخت سارىيى> دەپ ئاتىلىدىغان زالدا ئۆتكۈزىلىدۇ. مولداۋىيانلار مېيتنى ئاساسەن يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، ئۇلار ئادەم جان ئۈزۈش بىلەنلا كاناپ رەختكە يۆگەپ تەختىراۋانغا ياتقۇزۇپ قويىدۇ، ھەمدە مېيتنىڭ يېنىغا بىر داس سۇ قۇيۇپ قويىدۇ، ناۋادا ئۆلگۈچى ياتلىق بولمىغان قىز بولسا بوينىغا گۈل دەستە تاقاپ ياتلىق قىلىنىدىغان قىزغا ئوخشاش ياساپ قويىدۇ، ئۆلگۈچى يىگىت بولسا كۆكرىكىگە گۈل تاقاپ توي قىلىدىغان يىگىتكە ئوخشاش ياساپ قويىدۇ. مولداۋىيانلار ئومۇمەن جەسەت ساندۇقى ئىچىگە بولكا، سۇ، تۇز، پىچاق، قاچا - قۇمۇچ قاتارىق نەرسىلەرنى ئاخىرەتلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قىلىپ سالىدۇ، ھەمدە تاۋۇتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن تۆشۈك ئېچىپ قويىدۇ. ھازىدارلار يول بويى يىغا - زارە قىلىپ يېتىم - يېسىرلارغا سەدىقە بېرىپ ماڭىدۇ ۋە ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە مەرسىيە ئوقۇيدۇ، قەبرىستانلىققا يېتىپ بارغاندىن كېيىن مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى مەرھۇمنىڭ پىشانىسى ياكى پۇتىغا سۆيۈپ قويىدۇ، ئاندىن يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىپ قەبرە بېشىغا كرست بەلگىسى ياكى خاتىرە تېشى ئورنىتىلىدۇ. مولداۋىيانلار مېيتنى ئۇزىتىپ 3 -، 9 -، 40 - كۈنلىرى مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر چىراق ئۆتكۈزىدۇ. مولداۋىيانلارنىڭ ئادىتى بويىچە مېيت چىققان ئۆيگە ئەينەك ئاسمايدۇ، ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەن ئۇرۇق - تۇغقان، ئاغىينىلىرى ئۆزئارا ھال - ئەھۋال سورىمايدۇ، مېيت چىققان ئۆيدە قازان ئاسمايدۇ.