UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرگوللاندلار

گوللاندلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر گوللاندلار گوللاندىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، <نېدىلارلاندلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گوللاندىلارنىڭ 7.90 پىرسەنتى گوللاندىيىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 13 مىليون 700 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 4.90 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋستىرىيە، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە، بېلگىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگىلىيىدىمۇ 1 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك گوللاند بار. گوللاندلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاتلانتىك - بالتىق تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە گوللاند تىلىنى قوللىنىدۇ. گوللاندلار ئاھالىسنىڭ 36 پىرسەنتى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم (كالۋىن) مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، شىمالدىكى گوللاندلارنىڭ 35 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. گوللاندلار سانائەت (ئاھالىسنىڭ 88 پىرسەنتى شەھەر بازارلارغا جايلاشقان) ۋە يېزا ئىگىلىكى، قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، زىغىر، ياڭيۇ، قىزىلچا، كۆكتات ۋە گۈل ئۆستۈرىلىدۇ. گوللاندلار بولكا بىلەن سېرىق ماي ياكى پىشلاق، قەھۋە، سۈت ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، گوللاندلاردا ھەر يىلى 3 - ئۆكتەبردە سەۋزە، ياڭيۇ بىلەن پىيازدىن قىلىنغان <مىللىي غىزا> يېيىش ئادىتى بار. گوللاندلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى ئۆزگىچە مىللىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئاياللىرى كوپتىسىنىڭ ئۈسىتگە كەشتىلەنگەن جىلىتكە، ئاستىغا كۆپ قاتلاق قارا يوپكا، بېشىغا ئاق شىلەپە كېيىۋالىدۇ. ئەرلىرى ئۇدۇل پەشلىك قارا كەمزۇل ۋە شالۋۇر كېيىدۇ. گوللاندلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمى ئومۇملاشقان. گوللاند قىز - يىگىتلىرىنىڭ ئۆزئارغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسسۇلى ئۆزگىچە بولىدۇ، ياش قورامىغا يەتكەن يىگىت، بىرەرسىنىڭ قىزىنى ياقتۇرۇپ قالغان بولسا ئىشىكىگە بېرىپ سەرەڭگە سوراپ تاماكا چېكىدۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى بۇ يىگىتكە دىققەت قىلىدۇ. ئەگەر لايىق كۆرسە، قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى قىزنىڭ يىگىت بىلەن ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ، قىزمۇ يىگىتكە تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بېرىدۇ، يىگىت قىزغا ياغاچ كەش تەقدىم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتىدۇ. گوللانلارنىڭ سىن - نىكولاي بايرىمى، گۈل بايرىمى، شامالدۇرغۇچ كۈنى قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بار. شامالدۇرغۇچ گوللاندلارنىڭ بەلگىسى، شۇڭا گوللاندىيە دۇنياغا <شامالدۇرغۇچ ئېلى> دەپ داڭقى بار. گوللاندلارنىڭ تۇرمۇشىدا شامالدۇرغۇچ مۇھىم رول ئوينايدۇ. كۆركۈم گۈلى، پىشلاق (ئىرىمچىك)، ياغاچ كەش ۋە شامالدۇرغۇچ گوللاندىلارنىڭ ئەڭ تىپىك بولغان تۆت چوڭ ئەڭگۈشتىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆركۈم گۈلى گوللاندلارنىڭ سىمۋولى ۋە جاپالىق تۇرمۇشنىڭ نىشانى ھەم دۆلەت گۈلى ھېسابلىنىدۇ. گوللاندلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى خادا بىلەن يىراققا سەكرەش مۇسابىقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گوللاندلار ئەدەپ - قائىدىگە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋە ئاياللارنى ھۈرمەتلەش ئۇلاردا بىر خىل گۈزەل ئەخلاققا ئايلانغان. گوللاندلاردا قەدىمكى زاماندا كىشلەرنىڭ ئىسمىلا بولۇپ، فامىلىسى يوق. ھازىر فامىلە سانى تەخمىنەن 2 مىڭدىن ئاشىدۇ. گوللاندلارنىڭ فامىلىسى بىر خەتلىك ۋە كۆپ خەتلىك فامىلە، جۈملىدىن چوڭ فامىلە، كىچىك فامىلىلەرگە بۆلۈنىدۇ. گوللاندلارنىڭ ئاياللىرى ئادەتتە ئېرىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىدۇ، بىراق ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھەم ئۆزىنىڭ ھەم ئېرىنىڭ فامىلىسىنىمۇ قوللىنىدىغان بولدى. ئۇنىڭدا ئېرىنىڭ فامىلىسىنى ئالدىغا، ئۆزىنىڭ فامىلىسىنى كەينىگە قويۇپ < - > (سىزىقچە) بىلەن تۇتاشتۇرۇپ قويىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر