UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئۇدمۇرتلار

ئۇدمۇرتلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئۇدمۇرتلار <ئوتىياكلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار روسىيە فېدېراتسىيىسىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون، ئاھالىسىنىڭ 27 پىرسەنتى روسسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە ئۇدمۇرت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 34 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قالغان قىسمى باشقىرىستان، تاتارىستان، مارى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ سىۋىردىلوۋ، كېرىروۋ قاتارلىق ئوبلاستلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئۇدمۇرتلار موڭغۇل ئىرقى بىلەن ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئارىلاشما تىپى (ئورال تىپى) غا كىرىدۇ؛ ئورال تىللىرى سىستېمىسى فىن - ئۇگۇر تىللىرى گۇرۇپپىسنىڭ پرىم تىل تارمىقىغا تەۋە ئۇدمۇرت تىلىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئىككى خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. ئودمۇرتلار ئاساسەن پىراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇدمۇرتلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا بۇغداي، ئارپا، سۇلو، زىغىر، ياڭيۇ، پۇرچاق قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى ماشىنسازلىق، مېتاللورگىيە قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئودمۇرتلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆي جاي بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ياغاچ تۈۋرۈكلۇك، ئۆگزىسى ئىككى يانغا قىيپاش چۈشكەن ئىككى قەۋەتلىك قىلىپ سېلىنىدۇ. مىللىي ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرى ئىچىدە ئاياللارنىڭ كىيىم - كېچىكى بىلەن بېزەكلىرى باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، ئاياللىرى ئاسىت پۈرمىلىك كاتەكچە گۈللۈك رەختتىن تىكىلگەن كۆڭلەك كېيىپ يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان قارامتۇل رومال بىلەن بېشىنى ئورىۋالىدۇ. بېشى، بوينى، مەيدىسىگە ھەر خىل تەڭگە ۋە قۇلۇلە قېپىدىن ياسالغان بېزەكلەرنى قەۋەتمۇ - قەۋەت تاقاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.ئۇدمۇرتلارنىڭ كانۋاي كەشتىچىلىكى، مۇزىكا - ئۇسسۇل ۋە خەلق ناخشا - قوشاقلىرى ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ۋە قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە. ئۇدمۇرتلار مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا ئىگە.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر