UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركازاكلار

كازاكلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر كازاكلار رۇس ۋە ئۇكرائىنلار ئىچىدىكى ئۆزگىچە تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسگە ئىگە مەھەللىۋى گۇرۇھ بولۇپ، ھازىر ئاساسەن روسىيە فېدېراتسىيىنىڭ دون دەرياسى، كۇبان دەرياسى ۋادىلىرى قاتارلىق جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان؛ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 5 مىليوندىن كۆپرەك. كازاكلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ شەرقىي ياۋروپا تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمسى، سىلاۋيان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە رۇس تىلىنىڭ جەنۇبىي دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. كازاكلار ئۆتمەشتە ئاساسەن ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنىدى، ھازىر ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كازاكلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا بىر مىللىي گۇرۇھتىن تەرەققىي قىلىپ كۆپ مىللىي گۇرۇھقا، بىر رايوندىن كېڭىيىپ كۆپ رايونغا يېتىپ بارغان. <كازاك> دېگەن بۇ نام تۈركچە <ھۈرلەر>، <ئەركىن كىشلەر> مەنىسىدە بولۇپ، ئۇ قارا دېڭىز قىرغاقلىرى بىلەن كاسىپىي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ياشىغۇچى ئۆزگىچە ئەنئەنىگە ئىگە كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنى ھەم دېنپىر دەرياسى رايونىدا ياشىغۇچى يېرىم مۇستەقىل تاتارلارنىڭ ۋە ⅩⅤ - ⅩⅦ ئەسىرلەردە روسىيە، ئۇكرائىنا ۋە لىتۋا قاتارلىق جايلاردىن چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ يانچىلىق زۇلمى ۋەجىدىن جەنۇبىي تەرەپكە كۆچۈپ كەلگەن يانچى دېھقانلار ۋە سودا - سانائەتچىلەر، شەھەر كەمبەغەللىرى، سۈرگۈن قىلىنغان جىنايەتچىلەر قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. جۈملىدىن روسىيە تارىخىدا شەكىللەنگەن ئالاھىدە ئىجتىمائىي تەبىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. كازاكلار 19 - 16 - ئەسىرگىچە بولغان ئۇزاق ۋاقىت داۋامىدا، ئۇكرائىنلار توپى، دون توپى، يىيىك توپى قاتارلىق ئون نەچچە توپقا قاراپ تەرەققىي قىلغان. بۇ كىشلەر ئۆزلىرىنى <كازاك> (تۈركچە <ئەركىن كىشلەر>، سىلاۋيانچە <ھۈرلەر>، <تەۋەككۈلچىلەر> مەنىسىدە) دەپ ئاتىغان. كازاكلار ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي شارائىت تۈپەيلىدىن قەيسەر، ئەركىن ۋە ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ، ئۇلار ھەر تەرەپتىن جەنۇبىي روسىيە يايلىقىغا جەم بولۇپ، ئاپتونوم يېزا - كەنت جامائەسىنى تەشكىللەپ، ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەت دائىرسىىنى كېڭەيتىپ، <يايلاق بۈركۈتى> دەپ نام قازانغان. ⅩⅧ ئەسىردىن كېيىن، چارروسىيە ھۆكۈمىتى كازاكلاردىن نەچچە يۈز مىڭ كىشلىك ياللانما قوشۇن تەشكىللەپ، ئورال، ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى، كاۋكاز، ئوتتۇرا ئاسيا ۋە سىبىرىيە قاتارلىق جايلارغا كېڭەيمىچىلىك، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئېلىپ بارغان، ھەتتا ناپالىئونغا قارشى ئۇرۇش داۋامىدا بىر قىسىم كازاك چەۋەندازلىرى ئاۋانگارتلىق رول ئوينىغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يۇقىرى تەبىقىلىرى بىلەن ھەربىي كاتىباشلىرى مەلۇم ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولۇپ كەلگەن، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدن كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىمتىيازلىرى بىكا ر قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشقا دائىر بەزى تەدبىرلەر قوللىنىپ، بەزى جايلاردىكى كازاكلار تارقاقلاشتۇرۇلغانىدى. يىلىتسىن تەختكە چىققاندىن كېيىن، 1992 - يىلى يازدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن كازاكلارغا قارىتا قوللانغان تەدبىرلەرنىڭ بىردەك ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاپ، ئۇلارنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ھەمدە سىياسىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشكە ۋەدە قىلدى. ھازىر كازاكلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا پائالىيەت مەركەزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كازاكلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا غەيرى كەمزۇل، بېشىغا قۇلاقچا كېيىپ، بېلىگە قىلىچ ئېسىپ يۈرىدۇ، ئادەتتە بۇرۇت قويۇۋالىدۇ. كازاكلارنىڭ ھېيت - بايرام، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ۋە باشقا تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى رۇسلار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشپ كېتىدۇ. شۇڭا بەزىلەر ئۇلارنى <كازاك رۇسلىرى> دەپمۇ ئاتايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر