UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرسومالىلار

سومالىلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر سومالىلار شەرقىي شىمالىي ئافرىقىدىكى سومالى ۋە ئېفىئوپىيىدە ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 7 مىليون 350 مىڭ، ئۇنىڭ 4 مىليون 862 مىڭى سومالىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، قالغان 1 مىليون 800 مىڭى ئېفىئوپىيىدە، 435 مىڭى كېنىيە، جىبۇتى قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. سومالىلار سومالىدا پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىپ، سومالىدىكى ئاساسلىق مىللەتكە ئايلانغان. سومالىلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئۆتكۈنچى تىپ بىلەن ھەبەش ئىرقى ئارىلاشما قانلىقلار تىپىغا كىرىدۇ، سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى قۇشىت تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي تارمىقىغا تەۋە سومالى تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان مىللىي يېزىقى بار، ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەرەب، ئىتاليان ۋە ئامخارا تىللىرىنىمۇ بىلىدۇ. ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىراق تاغلىق ۋە ئورمانزارلىقلىرىغا ئولتۇراقلاشقان سومالىلار ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، تەبىئەت كۈچلىرى ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئىسلام دىنى سومالىدا دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ.سومالىلارنىڭ كۆپ قىسمى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن، دەريا بويىلىرىدىكىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ ئاھالىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى تۆگە، كالا، قوي باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قالغان قىسمى كۆممىقوناق، كېۋەز، پۇرچاق، بانان، ئاپېلىسىن، كۈنجۈت، كەندىر قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىدۇ، بانان سىرتقا ئېكىسپورت قىلىنىدۇ.سومالىلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەجدادلىرى ئېفىئوپىيە ئېگىزلىكىدە ياشىغۇچى يەرلىك نېگىرلار ئىدى، كېيىن بۇ يەرگە جەنۇبىي ئەرەبىستاندىن بىر قىسم ھام قەبىلىلىرى كۆچۈپ كىرىپ، يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن نىكاھلىشىش نەتىجىسىدە پەيدىنپەي ھازىرقى سومالىلار شەكىللەنگەن. سومالىلار Ⅸ - ⅩⅥ ئەسىرلەردە ئەرەب مەدەنىيىتىنى ۋە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنى شەرقىي شىمالىي ئافرىقا مىللەتلىرىگە كېڭەيتكەن.سومالىلار جەمئىيىتىدە ئەنئەنىۋى قانداشلىق ۋە قەبىلىداشلىق مۇناسىۋىتى خېلىلا زور رول ئوينايدۇ. سومالىلارنىڭ چارۋىچىلىق رايونىدىكىلىرى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان چېدىرلاردا، دېھقانلىرى ئاددىي شاخ - شۇمبىلار بىلەن يېپىلغان كەپە (ساتمىلار) دا ئولتۇرىدۇ. سومالىلار ئاساسەن قوي، كالا، تۆگىلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ گۆشى بىلەن قىمىزىغا تايىنىپ تۇرمۇش كۈچۈرىدۇ، دېھقانچىلىق رايونىدىكىلىرى گۈرۈچ، قوناقتىن قىلىنغان غىزالارنى ئىستېمال قىلىدۇ. سومالىلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرى ئەرەبچە نىمچە بولۇپ، ئادەتتە ئۇ پاختا يىپتىن توقۇلغان بولىدۇ. سومالىلارنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرى ئىچىدە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى ۋە ئېلىپ قېچىپ نىكاھلىشىش ئادەتلىرى ساقلىنىپ قالغان، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرى ئىچىدە بۇ خىل ئەھۋال كەم ئۇچرايدۇ. سومالىلارنىڭ ئاياللىرى پەرەنجە ئارتمايدۇ، بىراق قىزلىرىنىڭ قىزلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئالاھىدە تەلەپ قىلىنىدۇ. سومالىلاردا ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىنى ئىسلام قائىدىسى بويىچە بېجىرىدۇ. سومالىلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، مەۋلۇد، (ھىجرىيە 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ) قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرىدىن باشقا، يەنە گۈلخان بايرىمى ۋە ئىستونكا بايرىمى (كالتەكلىشىش بايرىمى) قاتارلىق مەھەللىۋى بايراملىرى بار. سومالىلارنىڭ تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرى بىر قەدەر كۆپ، سومالىلار ئات، قېچىر قاتارلىق تومتۇۋاق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى <مەكرۇھ> دەپ يېمەيدۇ ۋە ھاراق ئىچمەيدۇ، ئەر - ئاياللار ئۆز - ئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەيدۇ، ياتلىق بولمىغان قىزلارنىڭ ياش قورامىنى سورىمايدۇ، قىبلىگە قاراپ تەرەت قىلمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر