كامبالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
كامبالار كېنىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ئاكامبالار>، <ۋاكامبالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 150 مىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ 1 مىليون 700 مىڭى كېنىيىدە ئولتۇراقلاشقان، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 8.10 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
كامبالار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە كامبا تىلىنى قوللىنىدۇ، سۋاھىلى تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
كامبالار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتىستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
كامبالار دېھقانچلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تارىختا كامبالارنىڭ يەرلىك سودىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئەرەبلەر ۋە سىۋاھىلىلار بىلەن بولغان سودىدا ۋاستىچىلىك رول ئويناپ كەلگەن.
كامبالارنىڭ ئانا ماكانى ئەسلىدە كىلمانجارو تېغى ئەتراپىدا بولۇپ، تەخمىنەن ⅩⅣ ئەسىردە شىمالغا قاراپ كۆچۈپ، ⅩⅥ ئەسىرگە كەلگەندە ھازىرقى كېنىيىدە تۇرۇۋاتقان رايونلارغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.
تىل - يېزىق، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى كىكۇيۇلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
كامبالارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى، روژدېستۋو، پاسخا قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بار.