UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربامبۇندۇلار

بامبۇندۇلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر بامبۇندۇلار ئانگولادا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <كىمبۇندۇلار>، <ئامبۇندۇلار>، <موبۇندۇلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاھالىلىرى ئاساسەن ئانگولادا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 7 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، ئانگولادا ياشىغۇچى ئىككىنچى چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 63 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىر قىسمى زايىر (70 مىڭ)، زامبىيە (65 مىڭ) دە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 7 مىليون 700 مىڭدىن كۆپرەك. بامبۇندۇلار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ. لۇئاندا، مباكا، مبۇندې، ئاتېمبۇ، تامبا قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ. بامبۇندۇلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى كونگو - بانتۇ تىللىرى گۇرۇپپسىغا تەۋە كىمبۇندۇ تىلىنى قوللىنىدۇ. ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى يوق، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا پورتۇگال تىلىنى قوللىنىدۇ. بامبۇندۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىپتىدائىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاھالىلىرىنىڭ 90 پىرسەنتى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا مانىخوت، كۆممىقوناق، شال، ئاگۋا كەندىرى، قەھۋە، كېۋەز قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. مەھەللىۋى سودىسىمۇ راۋاجلانغان. بامبۇندۇلارنىڭ روژدېستۋو، غەلبە تەنتەنىسى قاتارلىق دىنىي ئەنئەنىۋى ھېيىت - بايراملىرى بار. بامبۇندۇلاردا ئوغۇللىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلدۇرۇش، يىگىتلىرى قىز تەرەپكە ئىشلەپ بېرىش ئارقىلىق نىكاھلىنىش ئادەتلىرى بار. بامبۇندۇلار جەمئىيىتى ئانا جەمەت بويىچە ئۇيۇشقانلىقتىن، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
بامبۇندۇلار | UyghurWiki | UyghurWiki