تانزانىئانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تانزانىئانلار شەرقىي ئافرىقا تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق ئاھالىلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، نوپۇسى 26 مىليون 100 مىڭ. ئۇلارنىڭ مىللىي، ئىرقى ۋە تىل تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، 120 دىن كۆپرەك مىللەت - قوۋم تەركىبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىرقى جەھەتتە بانتۇ نېگىرلىرى ئاھالىسىنىڭ 94 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. تىل جەھەتتە نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ بەنۇئى - كونگو تىللىرى تارمىقىغا تەۋە 102 خىل تىلدا سۆزلىشىدۇ؛ قالغانلىرى نىلوتلار، قۇشتىلاردىن ئىبارەت، تانزانىيە مىللەتلىرى ئىچىدە نوپۇسى مىليوندىن ئاشىدىغانلىرى سۇكۇما، نىيامۋېزى، سىۋاھىلى، خېخې، ماكوندې، ھايادىن ئىبارەت ئالتە مىللەت، نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىغانلىرى 15 مىللەت.
تانزانىيىدە سىۋاھىلى تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ.
ئاھالىسىنىڭ 90 پىرسەنتى ئەنئەنۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن، 30 پىرسەنتى كاتولىك ۋە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، 30 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
تانزانىيىلىكلەرنىڭ 90 پىرسەنتى ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى ياكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر قىسىم رايونلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، پۇرچاق، كېۋەز، تاماكا، قەھۋە، ئاگۋا كەندىرى قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ.
تانزانىيىلىكلەردە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، ئوغۇل بالىلىرىنى سۈننەت قىلدۇرىدۇ، ئاياللار نەرسە - كېرەكلەرنى بېشى بىلەن كۆتىرىدۇ.
تانزانىيىلىكلەر قوناق، پۇرچاق قاتارلىق قارا ئاشلىق بىلەن باناننى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، چارۋىچىلىق رايونىدىكىلىرى كالا، قوي گۆشى بىلەن سۈت - قايماققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
تانزانىيىلىكلەر مېيتنى يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، دەپنە قىلىش ئۇسۇلى خرىستىئانلار بىلەن مۇسۇلمانلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
تانزانىيىلىكلەردىن خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىرىنىڭ روژدېستۋو، پاسخا، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىرىنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بار.
تانزانىيىلىكلەر ئەدەپ - قائىدىگە بەكمۇ دىققەت قىلىدۇ، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا سالاملىشىدۇ، قېرى مويسىپىت كىشلەرنى كۆرگەندە يۈكۈنۈپ سالام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مەسلىھەت پىكىرىگە ھۈرمەت قىلىدۇ، ئالدىدا تاماكا چەكمەيدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ.
تانزانىيىلىكلەرنىڭ 90 پىرسەنتى دېھقان بولۇپ، ئۇلار يېزا - كەنت بولۇپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى ھەرە كۆنىكىسىمان كېلىدۇ.
تانزانىيىلىكلەردە دۇمباق ھەم چالغۇ ئەسۋابى، ھەم كۈرەش قورالى ۋە خەۋەر يەتكۈزۈش ۋاستىسى ھېسابلىنىدۇ.