بانغالالەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بانغالالەر زايىردا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى، بانتۇلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 98 پىرسەنتى زايىردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 5.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئاز قىسمى كونگودا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 820 مىڭ، ئۇلار ئۆزىنى <ئىنگالا>، <لىنگالا> دەپ ئاتايدۇ.
بانغالالەر لابارا، ئىنكومىبې قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە لىنگالا تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان مىللىي يېزىقى بار.
بانغالالەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىپتىدائىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، ئاز بىر قىسىمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاساسەن بېلىقچىلىق، قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سودا - سېتىق ئىشلىرىغا ماھىر كېلىدۇ، شۇڭا بانغالالەر ئۇزاق دەۋردىن بۇيان زايىرنىڭ ئوتتۇرا قىسمى بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى جايلارنىڭ سودىسىدا ۋاسىتچىلىق رول ئويناپ كەلگەن.
بانغالالەرنىڭ ئەر - ئاياللىرى قولىغا بىلەيزۈك، بوينىغا ئېغىر كەلگەن مارجان تاقاپ يۈرىدۇ، پېشانىسىدىن بۇرنىغىچە خەت (گۈل) چېكىۋېلىش ئادىتى بار.