UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرچۇۋاشلار

چۇۋاشلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر چۇۋاشلار روسىيە فېدېراتسىيىسىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 780 مىڭدىن كۆپرەك، ئۇلارنىڭ 900 مىڭى روسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە چۇۋاش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 86 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قالغان قىسمى تاتارىستان، باشقىرت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، ئوليانوۋ، كويبشېۋ، ساراتوۋ، سېبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار فېدېراتسىيە ئاھالىسىنىڭ ئاران 2 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. چۇۋاشلار موڭغۇل ئىرقى بىلەن ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئارىلاشما تىپىغا كىرىدۇ. ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسنىڭ بۇلغار تىل تارمىقىغا تەۋە چۇۋاش تىلىنىڭ ئىككى چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. چۇۋاشلارنىڭ بىر قىسمى پىراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. چۇۋاشلار دېھقانچلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچلىقتا قارا بۇغداي، سۇلۇ، ئارپا، كەندىر قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. چۇۋاشلارنىڭ ئەجدادلىرى فىن - ئۇگۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان يەرلىك قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ۋولگا ۋە كاما دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان تۈركىي تىللىق خەلقلەر (ئاساسەن بۇلغارلار) نىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن پەيدىنپەي چۇۋاش مىللىتى شەكىللەنگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
چۇۋاشلار | UyghurWiki | UyghurWiki