UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەردۇئالالەر

دۇئالالەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر دۇئالالەر كامېروندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <دىۋالالەر>، <دىۋىلالەر> ۋە <غەربىي شىمال بانتۇلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 2.95 پىرسەنتى كامېروننىڭ دۇئالا قاتارلىق شەھەرلىرى بىلەن ھورى دەرياسى ئېغىزى ۋە دېڭىز بويلىرىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 1 مىليون 400 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 14 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ بىر قىسمى نېگېرىيە (30 مىڭ)، ئېكۋاتور گۋېنىيىسى (20 مىڭ) قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 700 مىڭ.دۇئالالەر نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى غەربىي شىمال بانتۇ تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە دۇئالا تىلىنى قوللىنىدۇ. مىللىي يېزىقى يوق، ئىنگىلىز ياكى فرانسۇز تىلىنىمۇ بىلىدۇ. دۇئالار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن، ئاز بىر قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۇئالار ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى، بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا پالما، كاكائۇ، مانىخوت، بانان ۋە كۆممىقوناق قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. دۇئالالەر كامېروندا ئەڭ دەسلەپ ياۋروپالىقلار بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىپ كەلگەن مىللەت بولۇپ، 1800 - يىللاردىن كېيىن كامېرون رايونىنىڭ ئىچكى - تاشقى سودىسىنى مونوپۇل قىلىۋالغان. دۇئالالەر جەمىئىيىتى ئاتا جەمەت ئۇرۇقىنى ئاساس قىلغان ئائىلىنى بىرلىك قىلىدۇ. ھۆرلەر، يانچىلار ۋە قۇللاردىن ئىبارەت ئۈچ تەبىقىگە بۆلۈنىدۇ. قەبىلە ئاقساقاللىرى بىلەن بايلار ئىچىدە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. نەسەب ئاتا جەمەت بويىچە ھېسابلىنىدۇ، بىراق ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر