سالۋادورلىقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
(1) سالۋادورلىقلار <سالۋادورىئانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سالۋادورلىقلار سالۋادوردا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 5.96 پىرسەنتى سالۋادوردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 4 مىليون 100 مىڭدىن كۆپرەك، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 1.85 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىر قىسمى ئامېرىكا،ھوندۇراسقا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 5 مىليون 210 مىڭ.
سالۋادورلىقلار ئىندىئان ياۋروپا شالغۇت ئىرقىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىسپان تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
سالۋادورلىقلارنىڭ 88 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 61 پىرسەنت ئاھالىسى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە قەھۋە، كېۋەز، شال، شىكەر قومۇچى ۋە كۆممىقوناق تېرىلىدۇ.
(2) سالۋادور جۇمھۇرىيىتى ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى تەخمىنەن 5 مىليون 906 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، بۇنىڭ 84 پىرسەنتىنى ئىندىئان - ياۋروپالىق ئاقتەنلىكلەر نەسلىدىن بولغان ئارىلاشما قانلىقلار (ساۋادورلىقلار)، 10 پىرسەنتىنى ئىندىئانلار، 2 پىرسەنتىنى ئاقتەنلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ.
ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىندىئانلار، ئىندىئان تىللىرى سىستېمىسى ئازتېك - تانوئان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە پىپىل تىلىنى قوللىنىدۇ.
سالۋادورلىقلار ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
سالۋادورلىقلارنىڭ ئاساسلىق يېمىكى - كۆممىقوناق ئۇن قاتلىمىسى (<تور تىللاس> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە پۇرچاق، كۆكتاتلاردىن ئىبارەت.
سالۋادورلىقلارنىڭ روژدېستۋو بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى، تەنتەنە بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.
سالۋادورلىقلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ۋە ئەدەب، قائىدە - يوسۇنلىرى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى مىللەتلەرنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشىشپ كېتىدۇ.