خارەزملار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
خارەزملار قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىردە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى، جۈملىدىن ئامۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان خارەزم دۆلىتى ۋە ئۇنىڭ ئاھالىلىرىنى كۆرسىتىدۇ، خارەزملار مىلادى Ⅰ ئەسىردە كۇشان ئىمپېرىيسىگە قارام بولغان. Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەر ئىستېلا قىلىۋالغان. 996 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ خارەزم دۆلىتىنى قۇرۇپ ئۆرگەنچ شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. 1043 - يىلى سەلجۇق تۈركلىرى ئىمپېرىيىسىگە قارام قىلىۋېلىنغان. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە،مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅩⅢ ئەسىرنىڭ بېشىدا قۇدرەت تېپىپ، قىتانلارنى مەغلۇپ قىلىپ خۇراسان، غەربىي ئىران، ئاففانىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان. 1220 - يىلى موڭغۇل قوشۇنى تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنىپ، قپچاق خانلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. 1388 - يىلى تېمۇرلەڭ (ئەمىر تېمۇر) تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ بېشىدا تېمۇر ئىپېرىيىسى يىمىرىلىپ خارەزم ئۆزبېكلەرگە تەۋە بولغان ھەمدە پايتەختى خىۋا شەھىرىگە كۆچۈرۈلۈپ، <خىۋا خانلىقى> دەپ ئاتالغان. بۇ خانلىق 1873 - يىلى چارروسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.
ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، خارەزملارنىڭ ئەجدادى ساك - ماسساگېتلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلار مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەردە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىمالىي ئىران قەبىلىلىرىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت بولۇپ ئۇيۇشقان. مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅴ - Ⅵ ئەسىرلەردە ئەخمەنىيلار خاندانلىقىنىڭ بىر ساتراپلىقى (مەمۇرىي ئۆلكىسى) گە ئايلانغان، مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅲ ئەسىردە ئالېكساندر ماكىدونىسكىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
قەدىمكى خارەزملار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى شەرقىي ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسى شەرقىي شىمال ئىسكىت تىللىرى تارمىقىغا تەۋە خارەزم تىلىنى قوللانغان. مىلادى ⅩⅥ ئەسىرگە كەلگەندە، خارەزملار ئاساسەن تۈركلىشىپ قەدىمكى خارەزم تىلى ئىستېمالدىن قالغان.
قەدىمكى خارەزملار زەردۇشىت (ئوتپەرەسلىك) دىنىغا ئېتقاد قىلغان، ئەرەبلەر بېسىپ كىرگەندىن كېيىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان.
قەدىمكى خارەزملار ئوتتۇرا ئاسىيادا دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان مىللەتلەرنىڭ بىر بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن سۇغىرىش سىستېمىسىغا تايىنىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. دېھقانچىلىقتا ئاشلىق، مېۋە - چېۋە ۋە كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلگەن. توقۇمىچىلىق، كۆن - خۇرۇم ئىشلەش قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمۇ تەرەققىي قىلغان.