ئىتالىيانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئىتالىيانلار ئىتالىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت. ئومۇمىي نوپۇسى 64 مىليون 480 مىڭ بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 55 مىليون 400 مىڭى (95 پىرسەنتى) ئىتالىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 97 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
ئىتالىيانلارنىڭ جەنۇبتىكىلىرى ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا، شىمالدىكىلىرى ئالىپ تىپىغا كىرىدۇ؛ ئىتالىيانلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە ئىتالىيان تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
ئىتالىيانلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىتالىيانلار ئىچىدە دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ تەسىر كۈچى خېلىلا زور.
ئىتالىيانلار ئىگىلىكى تەرەققىي تاپقان مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ كۆپى سودا - سانائەت (شەھەر - بازار نوپۇسى 69 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ) بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر قىسمى دېھقانچىلىق، قوشۇمچە چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئىتالىيانلار ئاپېننىن يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى قەدىمكى ئىتالىيان قەبىلىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىدىن ئاۋۋالقى 2000 - يىللىرى شۋېتسارىيە بىلەن دوناي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن ئاپېننىن يېرىم ئارىلىغا كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان، مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅶ - Ⅷ ئەسىرلەردە ئۇلار ئىچىدىكى لاتىن قەبىلىسى باش كۆتىرىپ، جەنۇبقا قاراپ سىلجىپ، يېرىم ئارالنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە بولغان جايلارنى ئىشغال قىلغان. كېيىن ئۇلار رىملىقلارغا ئەل بولۇپ، شۇلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن؛ ئىتالىيانلار كېيىن يەنە ئىترۇرىيانلار، گرېكلار، گېرمانلار قاتارلىق باشقا نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، قەدىمكى رىملىقلار ئاساسىدا، ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا پەيدىنپەي مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
ئىتالىيانلار ۋىنونى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، ئىتالىيانلار ئەر - ئايال ھەننىۋاسى تاماقتىن كېيىن ۋىنو ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئىتالىيانلار بۇرۇن مېيتنى ئاساسەن ساندۇققا قاچىلاپ يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلاتتى، ھازىر كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.
ئىتالىيانلارنىڭ يېڭى يىل، روژدېستۋو، پاسخا، ۋېنتسىيە تەنتەنە بايرىمى، قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى قاتارلىق 19 خىلدىن كۆپرەك ھېيت - بايراملىرى بار.ئىتالىيانلار ھېسياتچان، قىزغىن، ئوچۇق كۆڭۈل، سۆزمەن ۋە بەس مۇنازىرە قىلىشقا ھېرىسمەن ھەم مەرد كېلىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەدەپ - قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
ئىتالىيانلار جۈيخۇاگۈل (رۇخسىگۈل)، دەستارىگۈل بىلەن ئەتىر گۈلنى ئەتىۋارلايدۇ، بولۇپمۇ دەستارىگۈلنى دۆلەت گۈلى دەپ ھېسابلايدۇ، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ قىزغىن، شاد - خۇراملىق روھىي كەيپىياتى ھەم غەيرەت شىجائىتىنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ.
ئىتالىيانلار غەرب مىللەتلىرىگە ئوخشاش، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالام - سائەت قىلىپ ئۆتىدۇ، ئۇرۇق - تۇغقانلار، يېقىن دوستلار قۇچاقلىشىپ، يۈزىنى يۈزىگە ياقىدۇ ياكى يۈزىگە سۆيۈپ قويىدۇ.
ئىتالىيە قەدىمكى رىم كىلاسسىك مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ھەمدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش يۈز بەرگەن جاي، شۇڭا ئىتالىيانلار ئىچىدىن دۇنياغا مەشھۇر نۇرغۇنلىغان ئەدىب، سەنئەتكار، ئالىم، مۇتەپپەككۇرلار مەيدانغا چىققان. مەسىلەن: قەدىمكى شائىر ۋىرگىل (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 70 - 19 - يىللار)، بۇرژۇئا يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ پېشىۋاسى دانتې (1265 - 1321)، داڭلىق <10 كۈنلۈك پاراڭ> نىڭ ئاپتورى پروزىچى بوككاچىيو (1313 - 1375)، شائىر ۋە ئالىم پېتراركا (1304 - 1374)، ھەيكەلتىراش گىبالت (1378 - 1455)، رافائېل (1483 - 1520)، ژولژانى (1478 - 1510)، تېتىئان (1477 - 1576)، مۇتەپپەككۇر برونې (1369 - 1444)، كامپانىللا (1568 - 1630)، ئاسترونوم گالىلېي كامپانىللا، مەشھۇر دېڭىز سەيياھى ئامېرگو ۋېسپۇچچى (1499 - 1504) قاتارلىقلار دۇنياغا كېلىپ، ئوتتۇرا ئەسىر فېئودال جاھالەتچىلىكىنى تارمار قىلىپ، يېقىنقى زامان پەن - مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئاساس سالغانىدى.ئىتالىيانلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قولۋاق مۇسابىقىسى، چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى، شاھمات مۇسابىقىسى، ئات بەيگىسى، پۇتبۇل مۇسابىقىسى بىر قەدەر كەڭ قانات يايدۇرۇلغان.
ئىتالىيانلار <3>، <13> قاتارلىق تاق سانلارنى يامان كۆرىدۇ.
ئىتالىيانلار، بولۇپمۇ ۋېنتسىيىلىكلەر قايچىنى سوۋغا قىلىشنى بەك يامان كۆرىدۇ، ئىتالىيانلار تارىختا ۋاقىتنى ھېسابلاش ئۈچۈن <رىم كالېندارى> (بۇ، رىۋايەتتە ئېيتىلغان رىم شەھىرىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن ئاۋۋالقى 753 - يىلىدىن باشلىنىدۇ)، <يۇلىئان كالېندارى> قاتارلىق كالېندارلارنى قوللىنىپ كەلگەن؛ مىلادى 325 - يىلدىن باشلاپ <يۇلىئان كالېندارى> ئاساسىدا <خرىسىتئان كالېندارى> دەپ ئاتىلىدىغان كالېندارنى قوللانغان، بۇ مىلادىيە كالېندارىنىڭ دەسلەپكى نامى بولۇپ، 1582 - يىلىغا كەلگەندە <گرىگورىئان كالېندارى> يەنى ھازىرقى دۇنيا بويىچە قوللىنىۋاتقان مىلادىيە كالېندارى رەسمىي بارلىققا كەلگەن.
ئىتالىيانلار Ⅸ ئەسىردىن باشلاپ، دىنىي ئىسمىنى ھېسابلىمىغاندا، ئىسىم بىلەن فامىلىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكلىك ئىسىم فامىلە قوللىنىشقا باشلاپ، ⅩⅥ - ⅩⅤ ئەسىرلەردە ئاساسەن مۇقىملىشپ قالغان. ئىتالىيانلاردا ئىسىم ئالدىدا، فاملە ئاخىرىدا كېلىدۇ. قىزلار ياتلىق بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ فامىسنى ساقلاپ قالسىمۇ، ئېرىنىڭ فامىلىسنى قوللانسىمۇ بولىۋېرىدۇ.