UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركانائانىلار

كانائانىلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر كانائانىلار <خانەنلەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كانائانىلار - غەربىي ئاسىيادىكى پەلەستىن، سۈرىيە ۋە لىۋان ئەتراپىدا ياشىغان قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بىرى، ساملار (سېمىتلار) نىڭ بىر تارمىقى. كانائانىلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 - 1000 - يىللىرى ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىن تارتىپ مېسوپوتامىيىنىڭ شىمالىي قىسىمغىچە بولغان جايلارغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرۈپ كەلگەن. ئوتتۇرا دېڭىز بويى بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇقتا ئۇگارىت، بىبىل ، بېرۇت، سىدون ۋە تىر قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىنى بەرپا قىلغان. كانائانىلار كۆپ قېتىم خىتتىتېلار، مىسىرلىقلار، ھىكسوسلار، كېيىنرەك ئارامىلارنىڭ ھۇجۇمى ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان. كېيىنرەك، ئۇلار تارىختا <فىنكىيىلىكلەر> دەپ ئاتالغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
كانائانىلار | UyghurWiki | UyghurWiki