UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركۇردلار

كۇردلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر كۇردلار غەربىي ئاسىيادىكى تۈركىيە، ئىراق ۋە سۈرىيە قاتارلىق ئەللەردە ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 20 مىليوندىن كۆپرەك. (بەزى ماتېرىياللاردا 25 مىليونمۇ دېيىلىدۇ) كۇردلار غەربىي ئاسىيادا ئەرەبلەر، پارسلار، تۈركلەردىن قالسا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كۆپ سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدۇ. كۇردلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىغاتەۋە كۆرد تىلىنىڭ ئۈچ چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. بىرلىككە كەلگەن مىللىي يېزىقى يوق. ئىراق كۇردلىرى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى تۈرك يېزىقىنى، ئەرمىنىيە كۇردلىرى لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كۇرد يېزىقىنى،تۈركىيە كۇردلىرى لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى تۈرك يېزىقىنى، ئەرمىنىيە كۇردلىرى سىلاۋيان يېزىقىنى قوللىنىدۇ. ئىراقتىكى ۋە ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى كۇردلار ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇردلار يەزىدى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، قالغانلىرى سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. كۇردلارنىڭ تۈزلەڭلىك ۋە بوستانلىقلارغا ئولتۇراقلاشقانلىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تاغلىق رايوندىكىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بىر قىسىم ئاھالىلىرى نېفتلىكلەردە ئىشچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. كۇردلار غەربىي ئاسىيادىكى قەدىمىي مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندا زاگروس تاغلىق رايونىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن كاستېلار، لۇلۇۋالار، مىدىيىلىكلەر، ئارساكلار (پارسلار) قاتارلىق ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەرنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن مىلادى Ⅱ - Ⅶ ئەسىرلەردە مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. كۇردلارنىڭ ھۈنەر - سەنئىتى ئۆزگىچە مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپ، ئاساسلىق گىلەمچىلىك، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساش، ياغاچ ۋە مىس ئويمىچىلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۇردلارنىڭ ئەرلىرى ئادەتتە ئۇچىسىغا قارامتۇل ئۇزۇن كەمزۇل، كەڭ پۇشقاقلىق شالۋۇر كېيىپ بېلىنى پوتا بىلەن باغلىۋالىدۇ. بېشىغا تۇماق ياكى تەقىيە كېيىدۇ. ئاياللىرىنىڭ كېيىم - كېچەكلىرى قازاق ئاياللىرىنىڭ كېيىم - كېچەكلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. خىلمۇ - خىل زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. كۇردلار ئومۇمەن قەيسەر، ساددا، ئاقكۆڭۈل ۋە مېھماندوسىت كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر