UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرمونتېنېگرلار

مونتېنېگرلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر مونتېنېگرلار <قارا تاغلىقلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مونتېنېگرلار يۇگۇسلاۋىيە فېدېراتىۋىنىڭ مونتېنېگرىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ 400 مىڭى مونتېنېگرىيە جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار مونتېنېگرىيە ئاھالىسىنىڭ 70 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، 140 مىڭى سېربىيە جۇمھۇرىيىتىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان؛ بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا، ئالبانىيىدىمى بىر قىسىم مونتېنېگرلار بار. ئومۇمىي نوپۇسى 600 مىڭدىن كۆپرەك. مونتېنېگرلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ بالقان تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى سىلاۋيان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ جەنۇبىي تارمىقىغا تەۋە سېرب - خورۋات تىلىنى قوللىنىدۇ. مونتېنېگرلار ئاساسەن پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مونتېنېگرلار ئاساسەن چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇغداي، كۆممىقوناق، قىزىلچا ئۆستۈرىلىدۇ، كالا، چوشقا، قوي، ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. مونتېنېگرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئاساسەن Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەردە بۇ يەرگە كۆچۈپ كىرگەن سىلاۋيانلار بىلەن يەرلىك ئېللىرىئانلار ۋە فراكىيىلىكلەر ئېتنىك تەركىبىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان مىللەت. مونتېنېگرلار ئېتنىك مەنبە، تىل - يېزىق، مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق جەھەتتە سېربلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مونتېنېگرلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ. مونتېنېگرلارنىڭ پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆتكۈزىلىدىغان بەزى دىنىي بايراملىرىدىن باشقا، نورۇز گۈل بايرىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر