ئومانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئومانلار <ئومان ئەرەبلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئومانلار ئومان سۇلتانلىقىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت ھەم ئاھالە بولۇچ، ئەرەبلەرنىڭ بىر تارمىقى. نوپۇسى 1 مىليون 50 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 92 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
ئومانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، دېڭىز قىرغاق رايونىدىكىلەرگە نېگىر ئىرقى تەركىبىمۇ ئارىلاشقان؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنى قوللىنىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئىنگلىز تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ.
ئومانلارنىڭ كۆپىنچىسى (90 پىرسەنتى ) ئىسلام دىنىنىڭ ئىبادىيلار مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز قىسمى شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلدۇ.
ئومانلار ئەنئەنىۋى جەھەتتە ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ، بىرى - ساپ ئەرەبلەر دەپ ئاتىلىپ، ئۇلار ئەڭ دەسلەپ مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅱ ئەسىردە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن جەنۇبىي ئەرەبىستانلىقلار ئىدى؛ يەنە بىرى - ئارىلاشما قان ئەرەبلەر بولۇپ، بۇلار كېيىنرەك كەلگەن ئوتتۇرا ئەرەبىستانلىقلار ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، دېڭىز بويىدىكى شەھەر - ئوماندا بىلۇجلار، سېندېلار ۋە پارسلار ئارىلاشما قېنىدىن بولغان شالغوت ئەرەبلەرمۇ بار. ئومان يېزىلىرىدا قەبىلىداشلىق چەك - چېگرسى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 100 گە يېقىن قەبىلىگە بۆلۈنىدۇ.
ئومانلار ئاھالىسىنىڭ 80 پىرسەنتى ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا خورما، بۇغداي، كېۋەز، مىۋە - چېۋە ئۆستۈرىلىدۇ. خېلى بىر قىسىم ئاھالىلىرى نېفىتلىكلەردە ئىشلەيدۇ.
ئومانلار سىپايە، ئەدەپلىك، خۇشخۇي ۋە چەبدەس كېلىدۇ. ئاياللىرى جامائەت سورۇنلىرىغا چىقمايدۇ. ئومانلار ئۆيىگە كەلگەن مېھمانلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىگە ئەتىر چاچىدۇ. ئاندىن مېھمانغا قەنت سىلىنغان پەمىل چاي تۇتىدۇ. مېھمان ئەرەب بولسا سۆيۈپ كۆرىشىدۇ.
ئومانلار ھەر قانداق جايدا ئاياللارغا يول بېرىدۇ ۋە ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئەمما ئەرلەر ئاياللار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەيدۇ.
ئومانلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن تۆگە بەيگىسى، ئات بەيگىسى، قېيىق مۇسابىقىىسى، پوتبول مۇسابىقىسى، بۈركۈتكە قۇش ئالدۇرۇش مۇسابىقىسى قاتارلىقلار بار. ئوماندا ھەر يىلى 11 - ئاينىڭ بېشىدا بىر قېتىم مەملىكەت خاراكتېرلىك تۆگە بەيگىسى ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئومانلار 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا بۈركۈت بىلەن ئوۋ ئوۋلاش مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلاردا بۈركۈت بېقىش ئادەتكە ئايلانغان. ئومانلار كالىنى ئالاھىدە ئەتىۋارلايدۇ، پاسكىنا نەرسىلەرنى كالىغا يېقىنلاشتۇرمايدۇ، ھەتتا كالا سېغىش <ئالىي ئەمگەك> ھېسابلىنىپ بۇنى ئاساسەن ئەرلەر قىلىدۇ.
ئومانلار يېشىل رەڭنى ھاياتلىق مەنبەسى، بەخت - سائادەت، باياشاتلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ، ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ. شۇڭا ئومان قىزلىرى توي كېچىسى يېشىل رەڭلىك مەرىكە كىيىمى كېيىدۇ. ئومانلار قىزىل رەڭنى تەلەيگە، ئاق رەڭنى پاكلىق، تىنچلىققا سىمۋول قىلىدۇ. ئومان سۇلتانلىقىنىڭ دۆلەت بايرىقىمۇ بۇ ئۈچ رەڭدىن تەركىب تاپقان.